ئىراقنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى جافارى 6-نويابىر تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە مۇنداق دېدى؛ ئىراق ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ قورال-ياراق بىلەن تەمىنلەش ۋە ھەربىي مەشىق قىلدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن قوللىشىنى قارشى ئالىدۇ، بىراق چەتئەللەرنىڭ ئىراق ئۇرۇشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتىشىگە قارشى تۇرىدۇ. جافارى شۇ كۈنى تۈركىيەدە مۇنداق دېدى: مەن تۈركىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقىنىمدا تۈركىيەدىن قورال-ياراق بىلەن تەمىنلىشى ۋە ئىراقنىڭ ھەربىيلەرنى تەربىيلىشىگە ياردەم برېشىنى تەلەپ قىلدىم. جافارى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىدا يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان ئىراقلىقلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىراننىڭ يۇرت ماكانىغا قايتىپ قۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved