ئۈرۈمچى ۋاقتى 17-مارت سەھەر سائەت 1:45 تە، 2015-2016 - يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى 8 كۈچلۈككە كىرىش 2-ئۇچرىشىشىدا، ئالدىنقى پەسىلنىڭ ئۇزغۇنى بارسېلونا ئۆز مەيدانىدا كونا رەقىبى ئارسېنال بىلەن مۇسابىقىلەشتى.
ئۇزغۇنلۇق تارىخىدا ھېچقانداق كوماندا ئۆز مەيدانىدا 2:0 ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، ئىككىنچى ئۇچرىشىشتا قارشى تەرەپنى شاللاپ باقمىغان. بۇ ۋېنگېرنىڭ 200-مەيدان ياۋروپا مۇسابىقىسىگە مەشقاۋۇللۇق قىلىشىدۇر.
بارسېلونا 18-مۇنۇتتا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. سۇئارېز چەكلەنگەن ئالدىدىن سول تەرەپكە پاس تاشلىدى، نېيمار چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرىپ بىر توپ كىرگۈزدى. ئارسېنال 51-مىنۇتتا نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، سانچېز يان يولدىن چەكلەنگەن رايون ئالدىغا پاس بەردى، ئەل نەنىي توپنى كىرگۈزدى. بۇ ئۇنىڭ ئارسېنالدىكى ۋە ئۇزغۇنلۇقتىكى تۇنجى توپى ھېسابلىنىدۇ. سۇئارېز 65-مىنۇتتا ئالۋېس تاشلىغان توپنى يۇقىرى سەۋىيەدە كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 2-1 قىلدى. مېسسى 88-مىنۇتتا يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 3-1 گە ئۆزگەرتتى. بارسېلونا ئومۇمىي نومۇردا 5-1 نەتىجە بىلەن 8 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن بارسېلونا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە ئۆز مەيدانىدا ئۇدا 10 مەيدان غەلىبە قىلىش، ھەرتۈرلۈك مۇسابىقىلەرنى قوشقاندا ئۇدا 38 مەيدان مەغلۇب بولماسلىقتەك ياخشى نەتىجىنى ياراتتى.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved