جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن سانائەتلەشتۈرۈش مۇساپىسى تېخى تاماملانمىغان، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر بولۇۋاتقان ئەھۋالدىمۇ كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بىر يۈرۈش كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، خەلقئارا جەمئىيەتتە مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى تىكلىدى.
2014-يىلى ئېلىمىزنىڭ بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى كاربون تۆت ئوكسىدنى قويۇپ بېرىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 تۆۋەنلەپ، 2010-يىلىدىكىدىن جەمئىي %15.8 ئازايدى. جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىش ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى شې جىنخۇا يېقىندا 12-بەش يىللىق پىلاندا %17 تۆۋەنلىتىش تەلەپ قىلىنغان، بۇ نىشان مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاندى دېدى.
12- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە بۇلغىما قويۇپ بېرىش جەھەتتىلا ئەمەس، ئېنېرگىيە تېجەش بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش جەھەتتىمۇ نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى.
2005-يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو سۇ ئېلېكتىرى، شامال ئېلېكتىرى، قۇياش ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق توك تارقىتىش بويىچە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىي ئېشىشىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى تەخمىنەن %42 بولۇپ، پاكىز ئېنېرگىيەگە سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ دۇنيا بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى. 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە جۇڭگونىڭ تاشقا ئايلانغان جىسىمدىن باشقا ئېنېرگىيەسىنىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %11.2 كە يېتىپ، 2005-يىلىدىكىدىن 4.4 پوئېنت يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
2014-يىلى ئېلىمىز يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئورمان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات تىجارەت سىنىقى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېرىلغۇ يەرلەرنى قايتۇرۇپ ئورمان ئەھيا قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ ئورمان زاپاس مىقدارى 2005-يىلى 2 مىليارد 188 مىليون كۇپ مېتىر كۆپىيىپ، سىرتقا تەشۋىق قىلغان 1 مىليارد 500 مىليون كۇپ مېتىرلىق ۋەدە قىلغان نىشاندىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن.
بۇنىڭدىن باشقا تۆۋەن كاربونلۇق ئۆلكە شەھەرلەر، باغچە رايونى، مەھەللىلەرنىڭ سىناق خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا، نۆۋەتتە بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇق سودىسى 7 سىناق نۇقتىسى، 2017-يىلى مەملىكەت بويىچە كاربون قويۇپ بېرىش سودا سىستېمىسىنى باشلاشنى پىلانلىدى، بۇ پولات تۆمۈر، ئېلېكتىر قۇۋۋىتى، خىمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، قەغەز ياساش ۋە رەڭلىك مېتال قاتارلىق نۇقتىلىق سانائەت كەسىپلىرىنى قاپلايدۇ.
بۇ قېتىمقى پارىژ يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا جۇڭگو غەيرەتكە تولغان بىر مۇستەقىل تۆھپە قوشۇش ھۆججىتىنى سۇندى، ئېلىمىز 2030-يىلغىچە بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى كاربون تۆت ئوكسىدنى قويۇپ بېرىش مىقدارىنى 2005-يىلىدىكىدىن %60 تىن %65 كېچە تۆۋەنلىتىش، تاشقا ئايلانغان جىسىمدىن باشقا ئېنېرگىيەنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى تەخمىنەن %20 يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ۋەدە بەردى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئەگەر تاشقا ئايلانغان جىسىمدىن باشقا ئېنېرگىيەنىڭ پۈتكۈل ئېنېرگىيەدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %15 كە يېتىدىغان بولسا، تاشقا ئايلانغان جىسىمدىن باشقا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 700 مىليون توننا بولىدىكەن.
جۇڭگو دۆلەتلىك كىلىمات ئۆزگىرىشى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خې جيەنكۈن مۇنداق دېدى: 7 مىليارد توننىلىق ئۆلچەم ھازىرقى ياپونىيەنىڭ تاشقا ئايلانغان جىسىم ئېنېرگىيەسى بىلەن تاشقا ئايلانغان جىسىمدىن باشقا ئېنېرگىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئېنېرگىيە ئىستېمالىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا جۇڭگو تىرىلمە ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتى، تەرەققىيات كۆلىمى، ھەر يىلى يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرىدىغان سىغىمچانلىق جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
![]() |
خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بىڭجۇ بۆلىكىدە دېڭىز يۈزىدە مۇز پارچىلىرى لەيلەپ يۈرمەكتە.
20-يانۋار «قاپاق ياردى» مەزگىلى كىرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بۆل...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved