تۇنجى بولۇپ ئايغا چىققان ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ تەرجىمىھال فىلىمى ئىشلىنىدۇ

 رىيان گوسلىڭ كەسپىي ھاياتىدا ھەرخىل روللارغا چىقتى، كېيىنكى قەدەمدە ئۇ يەنە تارىختىكى ئەڭ داڭلىق ئالەم ئۇچقۇچىسى-ئامېرىكىلىق ئايغا چىققۇچى نىل ئارمىستروڭنىڭ رولىغا چىقىشى مۇمكىن.

ئىگەللىنىشىچە، گوسلىڭ يەرشارى كىنوچىلىقىنىڭ تەكلىپىگە ئېرىشكەن بولۇپ، نىل ئارمىستروڭنىڭ تەرجىمىھال فىلىمى «بىرىنچى ئادەم» گە چىقىدىكەن.

 بۇ فىلىمغا «Whiplash» «دۇمباقچى» نىڭ رېژىسسورى دامىئان چازېللا رېژىسسورلۇق قىلىدۇ، «سامانيولى مۇھاپىزەت قىسىمى» نىڭ سىنارىستى نىكول پېرلىمان، «فوكۇس» نىڭ سىنارىستى جوش سىڭگېر سىنارىيەسىنى يازىدۇ. فىلىمنىڭ سۈرەتكە ئېلىش ۋە قويۇش ۋاقتى تېخى بېكىتىلمىدى.

 نىل ئالدېن ئارمىستروڭ 1930-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلغان، 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى قازا قىلغان، ئامېرىكا ئاپوللو 11-نومۇر ئايغا چىقىش پىلانىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىسى. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، ئارمىستروڭ 1969-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇنجى بولۇپ ئاي شارىغا قەدەم باسقان ئالەم ئۇچقۇچىسىغا ئايلانغان، ھەم تۇنجى بولۇپ تاشقى پىلانىتتا ئاياق ئىزىنى قالدۇرغان ئىنسانغا ئايلانغان.

 «تۇنجى ئادەم» جەيمىس خانسېننىڭ تەرجىمىھال ئەسىرى «تۇنجى ئادەم: نىل ئارمىستروڭنىڭ ھاياتى» دىن ئۆزگەرتىپ ئىشلىنىدۇ. بۇ تۈرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نەشىر ھوقۇقىغا ئېرىشكۈچى ۋارنېر بولۇپ كلىنىت ئەستىۋۇدنى رېژىسسورلۇققا بېكىتكەن، كېيىن يەرشارى كىنوچىلىقى ھەمكارلىشىپ رېژىسسور ۋە سىنارىستنى ئالماشتۇرغان. 2019-يىلى ئاپوللو 11-نومۇرنىڭ ئايغا چىققانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى كۈتىۋالىدۇ، شۇ سەۋەبتىن بۇ فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيىتى بار.



خەتكۈچلەر:
26-11-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
ۋىكتورىيە بېكھام، 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى Hetfield دا تۇغۇلغان، ئەنگىلىيە ناخشا چولپىنى، مودا كىيىم لايىھىلىگۈچى. دۆلەت تەۋەلىكى: ئەنگىلىيە قان تىپى: O تىپلىق قان بوي ئېگىزلىكى: 163 سانتېمېتر ئېغىرلىقى: 43 كىلو...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەلىنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ دەپنە مۇراسىمى نەق مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى. شۇ كۈنى ئامېرىكىلىق بوكىس شاھى...
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
Powered by Leglek