كۇەيبو دىلوسىنىڭ سوت تەرتىپى ئالدىنقى كۈنى ئاخىرلاشتى، بۇ قىززىق نۇقتا دېلوسىنىڭ پۈتۈن نەقمەيدان كۆرسىتىلىشى خەيديەن سوت مەھكىمىسىنى توردىكى قىززىق نۇقتىغا ئايلاندۇردى. زىيارەتتىن ئىگىلىنىشىچە، خەيديەن سوت مەھكىمىسى بۇ دىلونى نەقمەيداندىن كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قاتار خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.
مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردىن ئىگىلىنىشىچە، 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، بۇ دىلوغا قاراپ چىقىدىغان بېيجىڭ خەيديەن سوت مەھكىمىسى ئورگان مىكرو بىلوگىدا دىلونى سوت قىلىش ئالدىن ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى ھەمدە سىنلىق، سۆرەتلىك، مىكرو بلوگلۇق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، سىنلىق بىۋاستە كۆرسىتىش تور ئادرېسىنى ئېلان قىلدى.ئىگىلىنىشىچە، 1-ئاينىڭ 7-، 8-كۈنىلىرىدىكى سوتتا، خەيديەن سوت مەھكىمىسى جەمئىي 27 تال مىكرو بىلوگ ئېلان قىلىپ، سوتتىكى قاراپ چىقىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئېلان قىلدى، دىلوغا مۇناسىۋەتلىك بەتنىڭ كۆرۈلۈش ئومۇمىي سانى 36 مىليون قېتىمدىن ئاشقانلىقى كۆرسىتىلدى.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved