ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ ۋەكىللىرى تۈنۈگۈن ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. كېلىشىم ئافغانىستان پارلامېنتىنىڭ ماقۇللىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇرۇش قىلىش قىسمى ئافغانىستاندىن چېكىنىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالاشنىڭ تەسىرى قانداق بولىدۇ؟
بۇندىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان كېلىشىم لايىھەسى بويىچە، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى 2014-يىلىدىن كېيىن ئافغانىستاندا جىنايى ئىشلار كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىدىن، جىددىي ئەھۋالدا ئۆي ئاختۇرۇش ھوقۇقىدىن، پايتەخت ۋە قىسمەن مۇھىم جايلاردىكى ھەربىي بازىلارنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولىدۇ.
كېلىشىمدا ئامېرىكا ئارمىيەسى 2014-يىلدىن كېيىن ئافغانىستاندا ئافغانىستان ھەربىي ئىشلار ساقچىلىرىنى مەشىقلەندۈرىدۇ، ئۇلارغا مەسلىھەت ۋە ياردەم بېرىدۇ؛ ئافغانسىتان بىلەن ئامېرىكا تەڭ ئىجازەت بەرمىسە ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۇرۇش قىلىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ؛ ئافغانىستان تاشقى كۈچلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىسا، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاننى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار دەپ بەلگىلەندى.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ كېلىشىم ئامېرىكىنىڭ 2014-يىلىدىن كېيىن ئافغانسىتاندا تۇرۇشلۇق ئەسكەر سانىنى بېكىتىشكە ئاساس بولىشى، ئافغانىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن كېلەركى قەدەمدە ھەمكارلىشىدىكى شەرتكە ئايلىنىشى مۇمكىن.
2012-يىلى ئافغانسىتان بىلەن ئامېرىكا بۇ كېلىشىم توغرىسىدىكى سۆھبەتنى باشلىغاندىن كېيىن، سۆھبەت نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدى. 2013-يىلنىڭ ئاخىرىدا، ئافغانىستان خەلق پارلامېنتى كېلىشىم لايىھەسىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، ئافغانىستاننىڭ شۇ ۋاقىتتىكى زۇڭتۇڭى كارزائى تۇيۇقسىزلا ئامېرىكا بىلەن كېلىشىم ئىمزالاشنى رەت قىلدى، ئۇ بۇ مەسىلىنى كېلەركى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭغا تاشلاپ قويدى.
بۇ كېلىشىم ئافغانسىتاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 2014-يىلدىن كېيىنكى تۇرۇش ئەھۋالىغا چېتىلىدىغان بولغاچقا، ئامېرىكا بۇ كېلىشىمنى ئىمزالاشقا بەك ئالدىراپ كەتتى.
زۇڭتۇڭ نامزاتى غەنى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى تەسىرى كۈچىنى نەزەردە تۇتۇپ زۇڭتۇڭ سايلىمى مەزگىلىدە زۇڭتۇڭلۇققا سايلانسا بۇ كېلىشىمنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئىمزالاش توغرىسىدا ۋەدە بەردى.
ئامېرىكىنىڭ بېسىم ئىشلىتىشى، زۇڭتۇڭ سايلىمى مەزگىلىدە بەرگەن ۋەدىسى شۇنداقلا ئافغانىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئارزۇسى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن يېڭىدىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان غەنى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئىككىنچى كۈنىلا بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىدى.
2013-يىلى، ئافغانىستاننىڭ شۇ ۋاقىتتىكى زۇڭتۇڭى كارزائى بۇ كېلىشىم توغرىسىدىكى سۆھبەتنى توختىتىشنى كۆپ قېتىم ۋاستە قىلىپ، ئامېرىكىنى باغرام ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە؛ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان تالىبان تىنچلىق سۆھبىتى ئىشخانىسى بىلەن بولغان بىۋاستە ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە مەجبۇرلىدى. ئامېرىكىمۇ كۆپ قېتىم ياردەم بېرىشنى توختىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئافغانىستانغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئافغانسىتاندىن بۇ كېلىشىمنى ئىمزالاشنى تەلەپ قىلدى. ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇ كېلىشىم توغرىسىدىكى ماجراسى كارزائى بىلەن ئوبامانىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ قالمىغانلىقىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى.
ھازىر غەنى تەختكە چىقتى، ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ناچار ئەھۋالدا ئۇ ئەلۋەتتە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى ئويلايدۇ. «ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك كېلىشىمى»نى تىزدىن ئىمزالاش ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋتىنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىم بىر قەدىمى، بۇ ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكىغا ئىشەنچنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پۇرسەت يارىتىپ بەردى.
ئەگەر ئافغانسىتان بىلەن ئامېرىكا بىر-بىرىگە قايتىدىن ئىشەنسە، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى غەرب ئەللىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدىغان تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئېرىشىدۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭى ھۆكۈمەت غەرب ئەللىرىگە تېخىمۇ تايىنىپ قالىدۇ.
كېلىشىمدىكى جىنايى ئىشلار كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى، جىددىي ئەھۋالدا ئاھالىلەر ئۆيىنى ئاختۇرۇش ھوقۇقى يېڭى زۇڭتۇڭغا ئىچكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا يوشۇرۇن خەۋپ تۇغدۇرۇشى مۇمكىن. يېڭى زۇڭتۇڭ بۇ سەۋەبلىك مۇستەقىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزەلمەسىلىكىمۇ مۇمكىن.
تالىبان يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى ۋە يېڭى ھۆكۈمىتىنى ئىنكار قىلدى ھەمدە چەتئەل ئارمىيەلىرى تولۇق چېكىنگۈچە كۆرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ كېلىشىم ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندا داۋاملىق تۇرۇشىغا ئاساس يارىتىپ بەردى، لېكىن تالىبانغۇمۇ داۋاملىق ھۇجۇم قىلىشقا باھانە بولدى. كەلگۈسىدە ئافغانىستاننىڭ تىنچ يارىشىش مۇساپىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماسىلىق ئېھتىماللىقى يۇقىرى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved