سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىدىن بۇلۇپ 500نەچچە كىشى ياپونىيىنىڭ يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ ،باش ۋەزىر شىنزۇ ئابىدىن ،ياسوكونى بۇزۇركا ئايىنى تاۋاب قىلماسلىقنى تەلەپ قىلدى .ئەممە ياپونىيە خوجىلىق ۋەزىرى يوشىتاكا شىندۇ بۈگۈن يەنىلا ياسوكونى بۇزۇركا ئايىنى تاۋاب قىلىپ ،جۇڭگو ۋە كورىيەنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى .
ياپونىيىدىكى ئىككىنچى دۇنيائۇرۇشىدا قازا قىلغانلار نىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىدىن بۇلۇپ 546 -كىشى ئوساكا يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ ،ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ ئەرۋاھ تاختىسى قۇيۇلغان ياسوكونى بۇزۇركا ئايىنى تاۋاب قىلىپ ،شەرقىي شىمالىي ئاسىيا دېپلوماتىيىسدە جىددىيلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن ،ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان خەلقنىڭ تىنىچ ياشاش ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلدى دەپ قاراپ ،باش ۋەزىردىن ياسوكونى بۇزۇركا ئايىنى تاۋاب قىلماسلىقنى تەلەپ قىلدى .يېقىندا يەنە تەخمىنەن 270 ئادەم شىنزۇ ئابىنىڭ ياسوكونى بۇزۇركا ئايىنى تاۋاب قىلىشى توغرىسىدا توپلىشىپ ،يەرلىك سوتقا ئەرز قىلىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ .
ئۇنىڭدىن باشقا ياپونىيە خوجىلىق ۋەزىرى يوشى تاكا شىندۇ بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ياسوكونى بۇزۇركا ئايىنى تاۋاپ قىلغان ،بۇ يوشى تاكا شىنزۇنىڭ ،ئابى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان ،بۇ يەرنى يەتتىنچى قېتىم تاۋاب قىلىشى .
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇڭلى بۈگۈن :‹ياپونىيە ئىچكى كابىنېتى ئەزالىرىنىڭ ياسوكونى بۇزۇركا ئايىنى تاۋاب قىلىشى ،ياپونىيىنىڭ ھازىرقى ئىچكى كابىنىتىنىڭ تارىخى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى خاتا پوزىتسىيىسىنى ئاشكارىلىدى ،جۇڭگو ياپونىيە تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى ۋە ئېتىراز بىلدۈردى ›دېدى .
كورىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمۇ بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ ،ياپونىيىنىڭ بۇھەرىكىتى ئىچكى كابىنېت ئەمەلدارىنىڭ ،ياپونىيە جاھانگىرلىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغان قوشنا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەميئەتكە قارىتا ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ دېگەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونى ،ئىزدەش نۇمۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved