11-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ۋال ئىسترېت كۈندىلىك گېزىتى تور بېتىدە سونىي شىركىتى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى SP4 نىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى سېتىلىش مىقدارىنىڭ 30 مىلياردلىق ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ بۇ سانلىق مەلۇمات ئالدىنقى ھەر قانداق بىر ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلات سانىدىن كۆپ ئىكەن. سونىي شىركىتى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلغان مەلۇماتتا ئاشكارلىنىشىچە SP4 نىڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى سېتىلىش مىقدارى 30 مىلياردتىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ بۇ يىل 3-ئايدا ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتتىكى سېتىلىش مىقدارى 20 مىليارد ئىكەن.
SP4 بازارغا سېلىنغان 2 يىلدىن بۇيان پۈتۈن دۇنيادىكى ئويۇن ئوينىغۇچىلار SP4 نى ئۆزىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئويناشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشى دەپ قارىغان. شۇڭا سونىي شىركىتى ئۆزىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن ئابونتلىرىغا تەشەككۈر بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سونىي شىركىتى ئىشلەپچىقارغان SP4 بىلەن مىكروسوفت شىركىتى بازارغا سالغان Xbox One نىڭ رىقابىتى ناھايىتى كەسكىن بولۇپ، گەرچە مىكروسوفت Xbox Oneنىڭ سېتىلىش مىقدارى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ لېكىن SP4 نىڭ سېتىلىشى Xbox One نىڭ سېتىلىشىدىن كۆپ بولۇشىدا گەپ يوق ئىكەن.
سونىي شىركىتى SP4 نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن بۇ مەھسۇلاتنىڭ باھاسىنى ئىمكانقەدەر تۆۋەنلىتىپ سېتىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئاساسلىق يۈزلەنگەن بازارلىرى ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved