تۈركىيە نېمە ئۈچۈن ئىسرائىلىيە بىلەن يارىشىۋالماقچى بولىدۇ؟

     مارمالا ۋەقەسىگە بەش يىل بولغان پەيىتتە، تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئاخىرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان « مۇز يېرىش » سۆھبىتىنى باشلىدى. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە سۆھبەت خۇشاللىنارلىق ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىپ، ئىككى تەرەپ بىر قاتار مەسىلىلەردە دەسلەپكى ئورتاق تونۇش ساھىل قىلغان، بىراق يەنىلا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرگە رەسمىي يۇسۇندا ئىمزا قويمىغان.

     ئىسرائىلىيە زۇڭلى ئىشخانىسنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، نورمال مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، تۈركىيە-ئىسرائىلىيە ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلام ھۆكۈمەت ئەمەلدارىلىرى شۋېتسارىيەدە مەخپىي يىغىن ئاچقان. ئىسرائىلىيە زۇڭلى ئىشخانىسىنىڭ ئاشكارلىشىچە، سۆھبەتتە ئىسرائىلىيە تەرەپ مارمالا ۋەقەسىدە بەختىسزلىككە ئۇچىغان پىدائىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تۆلەم بېرىشكە قوشۇلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە تەرەپ ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولغان. تۈركىيەدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى دۆلەت ناھايىتى تېزلا كېلىشم ھاسىل قىلىدىكەن.

   ناۋادا كېلىشىم ھاسىل قىلىنىپلا قالسا، ئىككى تەرەپ ناھايىتى تېزلا ھەمكارلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزىدىكەن، تۈركىيەدە چىقىدىغان « بۈگۈنكى زامان » گېزىتىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيەدىن تەبئىي گاز ئېمپورت قىلىش ۋە تەبئىي گاز توربىسى ياتقۇزۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ تەبئىي گازنى ياۋروپاغا يەتكۈزۈشىگە قويالىق ياراتقۇسى بار ئىكەن. تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق تەبئىي گاز بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلىتى بولغاچقا، تۈركىيە بۇ ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىگە تايىنىشنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئىرۇسالىم گېزىتىدا مۇنداق دېيىلگەن: ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تۈركىيەنىڭ ئەسىدىلا دوستى ئاز دۈشمىنى كۆپ، رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرىۋەتكەندىن كېيىن بۇ دۆلەت ئېغىر دەرىجىدىكى رايون خاراكتېرلىك يىتىم قېلىش كرزىسىغان پېتىپ قالدى.



خەتكۈچلەر:
19-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek