بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
كارتا سۈرۈپ پۇل تۆلەش ، نەق پۇل تۆلىگەندىن قولايلىق بولسىمۇ ، بىراق يەنىلا كارتىنى ئېلىپ يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ .
بۇنىڭدىنمۇ قولايلىق ئۇسۇل بارمۇ ؟
يېقىندا ئاۋىستىرالىيلىك كىيىم لايھىلىگۈچى بىلەن بانكا ھەمكارلىشىپ ياخشى ئامال تاپتى ، يەنى بانكا كارتىسىنىڭ ئۆزەك پلاستىنكىسى بىلەن ئانتىنا قىلىندىغان مىس سىمنى كاستۇمنىڭ يەڭ ئۇچىغا تىكىپ كىرگۈزدى ،بۇنداق بولغاندا يەڭ ئۇچنى يېنىككىنە سۈركەپ قويسىلا ، پۇل تۆلەش ئۇچۇرلىرىنى تېز ھەم بىخەتەر ھالدا ئېلىكترونلۇق پۇل ئېلىش ئاپپاراتىغا ئۆتكۈزۈپ ، دەرھال پۇل تۆلەشنى تاماملىغىلى بولىدۇ .
خاتىرجەم بولالمىسا يان تېلېفون بىلەن تور بانكىسىغا چىقىپ سودا ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ . ئەگەر كاستۇم يۈتۈپ كەتسە ،.ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق ، تور بانكىسى ئارقىلىق يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلسا ،ياكى مەخسۇس ھېساباتنى بىكار قىلسىلا كۇپايە .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ، ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved