2015-يىلى يېڭى نۇسخىدىكى 100 يۈەنلىك پۇلنىڭ تارقىتىلىشى بىلەن، كونا نۇسخىدىكى پۇللار بازاردىن ئاستا-ئاستا چېكىنىشكە باشلىدى. سودا بانكىلىرىدىن قايتۇرۇۋېلىنغان كونا، يىرتىق پۇللارنىڭ تەقدىرى قانداق بولىدۇ ؟ چېڭدۇدىكى مەلۇم بىر سىرلىق جايدا كۈنىگە نەچچە توننا قەغەز پۇل بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن، ئۇلار قەغەز زاۋۇتىدا پارچىلانغاندىن كېيىن كۆيدۈرۈلۈپ توك چىقىرىشقا ياكى يېقىلغۇ قىلىشقا ئىشلىتىلىدىكەن.
بۇ يىل 4-ئايدا چېڭدۇ قەغەز پۇل بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىنىڭ يېڭى خىزمەت ئورنى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ شەھەر ئاممىسىغا نىسبەتەن ئىنتايىن سىرلىق بىر جاي ئىكەن، بۇ جايغا مۇشۇ ھەپتە تۇنجى قېتىم مۇخبىرلارنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنغان، مۇخبىر تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى تارتىش جەريانىدا پۇلنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرگەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved