12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەتىگەن سائەت يەتتىلەر بولغان چاغ، ۋۇخەن شەھىرى لويۈ شەرقىي يولىدىكى چاڭشەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرى دەرۋازىسى ئالدى، ئىككى ئەر شۇ يەردە كۆكتات سېتىۋاتقان 70 نەچچە ياشلىق يايمىكەش بوۋايدىن باشقۇرۇش ھەققى ئالماقچى بولغان، لېكىن بوۋاي ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار بوۋاينى يەرگە بېسىۋالغان، ئارىدىكى بىرسى يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن پىچىقىنى چىقىرىپ بوۋايغا نەچچىنى تىقىۋەتكەن. ‹ئىككى ياش بالا كېلىپ بوۋايدىن باشقۇرۇش ھەققى ئالماقچى بولدى، بوۋاي ئۇلارغا ئۈچ يۈەن بەرگەندىن كېيىن ئۇلار پۇلنى ئاز كۆرۈپ بوۋايدىن بەش يۈەن ئالماقچى بولدى، بوۋاي ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغاندىن كېيىن ئارىدىكى بىرسى بوۋاينى ئۇرۇپ يىقىتىپ يېنىغا تىقىۋالغان پىچىقىنى چىقارغاندىن كېيىن بوۋايغا ئۈچ پىچاق تىقىۋەتتى›، بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىككى ياش بالا ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ يەردە يايما ئېچىپ سودا قىلىۋاتقانلاردىن ھەق يىغىپ كەلگەن بولۇپ، چاڭشەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرى دەرۋازىسى ئالدىدا يايمىكەشلىك قىلىدىغان تىجارەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىدىن غەزەپلەنسىمۇ لېكىن ھېچكىم ئېغىز ئېچىپ بىر نېمە دېيەلمەي كەلگەنىدى.
نۆۋەتتە ۋەقەدە يارىلانغان بوۋاي دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.
12-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋۇخەن شەھىرى دۇڭخۇ يېڭى تېخنىكا ئېچىش رايونى جامائەت خەۋپسزلىك تارماق ئىدارىسى ئورگان تەرەپ مىكرو بىلوگىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن:‹بوۋايغا پىچاق تىقىپ يارىلاندۇرغۇچى بولسا بازار باشقۇرۇش خادىمى-جۇۋ فامىلىلىك بولۇپ، گۇەننەن ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى تېزلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ مەزكۇر ۋەقەدىكى گۇماندار-جۇۋ فامىلىلىكنى كونترول قىلغان، نۆۋەتتە بۇ دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە›.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved