تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ھىندىستان ئەمەلدارىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 13-يانۋار جەزىملەشتۈرىشىچە، ھىندىستاننىڭ شىمالىي شىتاتىدا 11-يانۋار كەچ كوللېكتىپ ساختا ھاراق ئىچىۋېلىش ۋەقەسى بولۇپ، ئاز دېگەندە 28 كىشى قازا قىلغان، 160 كىشى زەھەرلىنىپ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ ،ئارىدىكى بەزى بىمارلارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.
ھىندىستان شىمالىي شىتاتى ھۆكۈمىتى ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقە شىمالىي شىتاتنىڭ مەركىزى لوكنۇۋ ئەتىراپىدىكى ئىككى كەنتتە يۈز بەرگەن. شۇچاغدا نۇرغۇن كىشىلەر پالاق توپ مۇسابىقىسى كۆرىۋاتقان ئىكەن، بەزى قانۇنسىز سودىگەرلەر مەيداندا ساختا ھاراقنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ساتقان، نۇرغۇن كىشى سەھەرلىنىپ ئۆلگەن، 100دىن ئارتۇق كىشى دوختۇرغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالىتىلغان.
نۆۋەتتە ھىندىستان ساقچى دائىرلىرى بىر ساختا ھاراق ساتقۇچىنى قولغا ئالدى، شىمالىي شىتات ھۆكۈمىتىمۇ شۇ جاينىڭ ۋەزىپىسىنى ئوبدان ئادا قىلالمىغان ئەمەلدارلىرىنى خىزمەتتىن توختىتىپ چارە كۆردى.
ھىندىستاننىڭ يېزىلىرىدا قانۇنسىز سودىگەرلەر دائىم ساختا ھاراق سېتىپ، كوللېكتىپ زەھەرلىنىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، بۇ خىل ساختا ھاراقلارغا سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئىسپېرت ئارىلاشتۇرۇلغانلىقتىن، ئىچكەنلەر بىر دەمدە ئۆلۈپ كېتىدۇ.ھۆكۈمەت ساختا ھاراق سېتىشنى مەنئىي قىلىش توغرىلىق پەرمانلارنى چۈشۈرسىمۇ، باشقۇرۇ شبوش بولغانلىقتىن، بۇنداق ۋەقەلەر دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. 2011-يىلى دېكابىر ھىندىستاننىڭ غەربىي بېنگال شىتاتىدا ساختا ھاراق ۋەقەسى يۈز بېرىپ 160 نەچچە كىشى قازا قىلغان ئىدى.
ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى بۇ ئۆلكىنىڭ مەلۇم بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى مۇنداق دېدى، ۋەقە بۇ ئۆلكىنىڭ مەركىزى بولغان لۇكنوۋكىن شەھرىگە يېقىن ئىككى كەنىتتە يۈز بەردى. ئۇ ۋاقىتتا نۇرغۇن ئادەم بىر مەيدان پالاق توپ مۇسابىقىسى كۆرىۋاتقان ئىكەن، مەيدان ئەتراپىدا بىر قانچە قانۇنسىز تىجارەتچى ساختا ھاراق سېتىپتۇ. نەتىجىدە 13 ئادەم نەق مەيداندا قازا قىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا 120 دىن ئارتۇق ئادەم دوختۇرخانىغا ئاپرىلىپ داۋالانماقتا. دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغانلار ئىچىدە كەم دېگەندە 14 ئادەم داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شۇ كۈنى كەچتە قازا قىلغان.
نۆۋەتتە ھىندىستان ساقچى تەرەپ بىر نەپەر قانۇنسىز ھاراق ساتقۇچىنى قولغا ئالدى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يەنە مۇناسىۋەتلىك بەزى ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىسىدىن توختۇتۇپ جازالىدى.ھىندىستاننىڭ يېزا-كەنىتلىرىدە قانۇنسىز تىجارەتچىلەر ساتقان ساختا ھاراقنى ئىچىپ كوللېكتىپ زەھەرلىنىپ قالىدىغان دېلولار دائىم دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ خىل ساختا ھاراق ئادەتتە سانئەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئىسپىرىتنى ئارلاشتۇرۇپ ياسىلىدۇ، تېز سۈرئەتتە ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. گەرچە ھۆكۈمەت قايتا-قايتا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ساختا ھاراق سېتىشنى چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن باشقۇرۇش قاتتىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇنداق ۋەقە دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. 2011-يىلى 12-ئايدا ھىندىستاننىڭ غەربىي بىنگال ئۆلكىسىدە ساختا ھاراقتىن زەھەرلىنىپ 160 تىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved