جۇڭگو گېزىتى تورى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى خەۋەر قىلىدۇ: كورىيە گېزىتلىرىنىڭ 7-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چاۋشىيەن 7-ئاينىڭ 30-كۈنى 4 دانە قىسقا مۇساپىلىق راكېتا بومبا ئاتقان، بىراق 3 دانىسى بوشلۇقتا پارتلاپ كەتكەن ياكى چۈشۈپ كەتكەن، ئەڭ ئاخىرقى بىر دانىسى 200 نەچچە كىلومېتىر ئۇچقاندىن كېيىن دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن، ئېغىر زىيان-زەخمەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغان.
راكېتا بومبا چاۋشىيەننىڭ پيوڭئان ئۆلكىسىدىكى ميوخساڭ تېغىددا 300 كالبېرلىق يېڭى ئېتىش قۇرۇلمىسى ئارقىلىق ئېتىلغان. كورىيە مېدىيەلىرى ئالاھىدە كۆرسىتىشىچە، كورىيە نۆۋەتتە تولۇقلىما سايلام ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇپ، راكېتا بومبا ئېتىشنىڭ بۇ ئىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەردى. كورىيە مېدىيەلىرى يەنە راكېتا بومبىنىڭ ئەگەر چاۋشىيەن ئالدىنقى سېپىدىن ئېتىلغان بولسا، كورىيەنىڭ چۇڭچوڭ ئۆلكىسىگە جايلاشقا كورىيە ھەربىي باش ئىشتابىغا زەربە بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
كورىيە بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتچىسى دېيىشىچە، ئىككى راكېتا بومبا ئايرىم-ئايرىم ھالدا شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7:30 ۋە 7:40 دە ئېتىلغان، بىراق بوشلۇقتا نەچچە مىنۇتلا ئۇچقان، باشقا ئىككى راكېتا بومبا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:50 ۋە 6:00 دە ئېتىلغان، پەقەت 210 كىلومېتىر ۋە 130 كىلومېتىر ئۇچقان. كورىيە ھەربىي تارماقلىرى قارىشىچە، قۇرۇقلۇققا چۈشكەن 3 دانە راكېتا بومبا ئاممىغا زىيان سېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ چاۋشىيەننىڭ بۇ يىل 16 قېتىم راكېتا بومبا سىنىقى قىلىشى. 7-ئاينىڭ 26-كۈنى، چاۋشىيەن يەنە بىر دانە «يەلتاپان» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئاتقان بولۇپ شەرقىي دېڭىزغا چۈشتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved