خۇرۈن تەتقىقات ئورنى ئېلان قىلغان «2015-يىلدىكى جۇڭگودىكى بايلار ئىسىملىكى» ۋە «2015-يىلى خۇرۈن پۇلدار ئاياللار ئىسىملىكى»دە، «غەربكە ساياھەت» دىكى «تاڭسىڭ»نىڭ رولىنى ئالغان چى چۇڭرۈينىڭ 74 ياشلىق ئايالى چېن لىخۇا 49.5 مىليارد مۈلكى بىلەن ئايرىم- ئايرىم ھالدا 19-ۋە 2-ئورۇندا تۇرۇپ، ئېلىمىزدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى باي ئاياللار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
ئىگەللىشىمىزچە، ئەينى يىللاردا «غەربكە ساياھەت» قۇيۇلغاندىن كېيىن، «تاڭسىڭ»نىڭ رولىنى ئالغان چى چۇڭرۈينىڭمۇ بىر مەھەل داڭقى چىقىپ كەتكەن. شۇ چاغلاردا، جىڭجۈ تىياتىرچىلىق ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان چى چۇڭرۈي جىڭجۈ تىياتىرىغا ئالاھىدە ھەۋىسى بار چېن لىخۇانى ئۇچرىتىپ قالىدۇ، ئىككەيلەن ئۆز-ئارا بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇشىدۇ. 1990-يىلى بۇ ئىككەيلەن توي قىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتىمۇ چېن لىخۇا نەچچە مىليوننىڭ ئىگىسى بولغان باي خېنىم بولۇپ، چېن لىخۇا چې چۇڭرۈيدىن 11 ياش چوڭ ئىدى. تويدىن كېيىن، چى چۇڭرۈي تاماشا سەھنىسىدە، دائىم ئايالىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ ھەرخىل پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. مانا ھازىر بۇ ئىناق ئەر-خوتۇنلارنىڭ توي قىلغىنىغا 26 يىل بولدى.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved