خەلق تورىنىڭ 5-ئاينىڭ7-كۈندىكى ئۇچۇرى، ‹‹ئازاد شىمالى كورىيە رادىئوسى››نىڭ 7-چېسلا خەۋەر قىلشچە،شىمالى كورىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيسىنىڭ بىرنجى سېكىرتارى جىنجىڭئېن سېمىزلىك ۋە يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلما كىسلىگە گىرىپتار بۇلۇپ داۋالاشنى قۇبۇل قىلۋاتقان ئىكەن،ھەمدە يەنە كۆرسىتىپ:‹‹ھازىر بۇ خەۋەرلەر پىيوڭياڭدىكى گۈلخان تېغى بالنىستىدىكى دوختۇرلار ئارسدىن تارقالماقتا >>دىگەن.
مەزكۇر ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ دىيشىچە، جىنجىڭ ئېن <<خىزمەت بېسمىنىڭ زىيادە ئېغىرلقى>>ۋە<<جاڭچېڭزى ئىشى>> توغرىسدىكى توقۇنۇش تۈپەيلى يۇقارقىدەك كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ھەمدە مۇشۇ ئاينىڭ بىرىنجى كۈنىدىن باشلاپ داۋالاشنى قۇبۇل قىلغان.
ئۇچۇردىن خەۋەردار كىشىنىڭ كۆرسىتشىچە:<<جىنجىڭ ئېن تۇنجى قېتىم ئۆزىنى ئاشكارلىغاندا بەدەن ئېغىرلقى 100 كىلوگىرام ئەتراپىدا بۇلۇپ ھەركىتىدە ھېچقانداق مەسلە يوق ئىكەن.بىراق بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ بەدەن ئېغىرلقى تۇيۇقسىز ئېشىپ كەتكەن ھەتتا يۈرەك كىسلى ۋە مېڭە تىقلما كىسلىگە گىرىپتار بولغان ،سەھيە تارماقلىرى ھازىر پۈتۈن كۈچى بىلەن كىسەل ئەھۋالنى كونتىرول قىلىپ داۋلاش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.>>
ئۇچۇردىن خەۋەردار كىشى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ :<<گۈلخان تېغى بالنىستنىڭ دوختۇرلىرنىڭ ئاشكارلشچە،جىنجىڭ ئېننىڭ بەدەن ئېغىرلقى ھازىر 120 كىلوگىرام ئەتراپىدا ئىكەن.جاڭچېڭزىنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كىيىن ئۇ زىيادە جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكتىن زىيادە يەپ ئىچىدىغان بۇلۇپ قالغان.ھازىر ئۇنىڭدا خامۇشلۇق كىسلى بىلەن نېرۋا پالەچلىكنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈنمەكتە>>دىگەن.
بۇ ئۇچۇردىن خەۋەردار كىشى يەنە ئاشكارلاپ:<<ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇيىل بىرىنجى ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتراپىدا ،جىنجىڭ ئېننىڭ سول قولىدا بىنورماللىق كۆرۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن ھەر ھەپتىنىڭ ئىككىنجى ، بەشىنجى كۈنى چەكسىز ئۇزۇن ئۆمۈر تەتقىقات مەركىزى ۋە گۈلخان بالنىستىدا داۋالاشنى قۇبۇل قىلغان.شۇ سەۋەبتىن شىمالى كورىيەدە ھازىر مۇشۇنداق يالغان خەۋەرلەرنى تارقاتقۇچلارغا قارىتا ئېغىر زەربە بېرىش باشلانغان>>دىگەن.ئۇزۇن ئۆمۈر تەتقىقات مەركىزى يەنە شىمالى كورىيە جىن ئائىلسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا مەسئۇل بىر <<ياللانما>>ئورگان دەپمۇ ئاتىلدۇ.
![]() |
چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ماي خەۋەر قىلىشىچە: كىم جوڭئۇن 6-ماي ئېچىلغان چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 7- قۇرۇلتىيىدا ئىچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن.
كىم جوڭئۇن مۇنداق دې...
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، مېكسىكا، كولۇمبىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پۇقرالار يىغىلىشقا قاتنىشىپ، نەشە چېكىشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.
|
![]() |
ئىككى ئاي ئۆتمەيلا بېرلىندا يەنە بىر مەيدان مېركىلنىڭ تەخىتتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىش نامايىشى پارتلىدى.
7- ماي چۈشتىن كېيىن مىڭدىن ئارتۇق ئوڭچى زاتلار بېرلىندىكى زۇڭلى مەھكىمىسى ئالدىغا يىغىلىپ،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved