ئۈرۈمچىدە بىر ئەر تېرىۋالغان تاش مايلىق سېلانېتس بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالدى



رەسىمدە 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەڭرىتاغ رايونى بەش يۇلتۇز يولىدىكى بىر ئىشخانا بىناسى، ۋاڭ تيەنباۋ چاقماق بىلەن

ئۆزى تېرىۋالغان تاشقا ئوت ياقماقتا.     تۆنۈگۈن، بىڭتۈەن 12-دىۋىزىيە 222-تۈەندە ئولتۇرىدىغان ۋاڭ تيەنباۋ قولىدىكى تاشنى ئاسىيا كىندىكى تورى ئىشخانا بىناسىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا باھالىتىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى ئېيتقان.

   ۋاڭ تيەنباۋ خالتىنىڭ ئىچىدىكى قۇتىدىن سۇلياۋ خالتىغا ئوراقلىق تاشنى چىقاردى. قارا رەڭلىك بۇ تاش سىيلىغاندا ئازراق سىلىق بولۇپ، ئاق قەغەز بىلەن سۈرتكەندىن كېيىن، قەغەزگە ئازراق چاڭ-توزان چاپلاشقاندىن باشقا ھېچقانداق رەڭگى ئۆزگەرمىگەن. تاشنىڭ يېنىدىن قارىغاندا ئۇ ئازراق تاش كۆمۈرگە ئوخشايدىغان بولۇپ، قول بىلەن ئازراق كۈچىسىلا ئۇشتۇلۇپ كەتكەن. چاقماقتا ئوت ياققاندا كۆيۈپ قارا ئىس چىقارغاندىن كېيىن، قارا داشقال ئېشىپ قالغان، كۆيگەندە قاراماينىڭ پۇرىقىغا ئوخشاش پۇراق چىقارغان.

   ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ تاش كۆمۈر ئەمەس، ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، قەغەزگە رەڭگى چىقىدۇ.» ئۇ خېنەننىڭ پىڭدىڭشەندىن بولۇپ، كۆمۈر كانى ئەتراپىدا چوڭ بولغاچقا، ئىسسىز ياكى ئىسى بار كۆمۈر بولسۇن ھەممىسىنى تونۇيدىكەن، شۇڭا ئۇ بۇ تاشنىڭ تاش كۆمۈر ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرگەن.

   ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئىككى يىل ئىلگىرى فۇكاڭ شەھىرى بۇغدا كۆلى قار تېيىلىش مەيدانى ئەتراپىدا ئىشلەۋاتقان ۋاقتىدا، يېقىن ئەتراپتىكى بىر تاغ ئۆڭكۈرىدىن بۇ تاشنى تېپىۋالغان، شۇ ۋاقىتتا ئىككى پارچە تاش ئېلىۋالغان ئىككى پارچە تاشتىن بىرى ئوتتا كۆيۈپ كەتكەن، قالغان يەنە بىرسىنى باھالىتىش ئۈچۈن ساقلاپ قويغان.

   ۋاڭ تيەنباۋنىڭ دېيىشىچە، دەسلەپتە ئۇنىڭ كۆيگەندىكى پۇرىقىغا قاراپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنى قاراماي دەپ گۇمانلانغان، شۇڭا ئۇ ئۆزى بىر تۆمۈر تاختىنى قىزىتىپ سىناق قىلغان، ئادەتتە قاراماي يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا يولۇققاندا ئېرىپ يۇمشايدىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تاشتا ھېچقانداق ئېرىمىگەن ھەم يۇمشىمىغان.

   شىنجاڭ تاغ جىنىسلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى يۆ يۈنخۇينىڭ دېيىشىچە، ئەگەر بۇ تاشنىڭ قاتمۇ قات ئىكەنلىكى، كۆيگەندە قارا ئىس چىقىرىپ، قارامايغا ئوخشاش پۇراق چىقارغان ئالاھىدىلىكلىرىگە قاراپ ئۇنى قېزىلما بايلىقلارنىڭ بىر خىل بولغان مايلىق سلانېتس دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدىكەن، چۈنكى ئاپتونوم رايونىمىزدا مايلىق سلانېتس بايلىقى بار ئىكەن. مايلىق سلانېتس كۈل تەركىبى يۇقىرى يېنىشچان ئورگانىك ماددىلىق چۆكمە جىنىس بولۇپ، ئۇ ۋە كۆمۈرنىڭ ئاساسلىق پەرقى كۈل تەركىبىنىڭ %40 ئېشىشىدا پەرقلىنىدىكەن، مايلىق سلانېتسنى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا قۇرۇق ھەيدەش ئارقىلىق سلانېتس مېيىغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن.

   يۆ يۈنخۇينىڭ دېيىشىچە، بۇ پەقەت پەرەز بولۇپ، تاشنىڭ قانداق ماتېرىياللاردىن تۈزۈلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن، ۋاڭ تيەنباۋ باھالىغۇچى ئورۇنلارغا بېرىپ باھالىتىشىغا توغرا كېلىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
26-11-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
ۋىكتورىيە بېكھام، 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى Hetfield دا تۇغۇلغان، ئەنگىلىيە ناخشا چولپىنى، مودا كىيىم لايىھىلىگۈچى. دۆلەت تەۋەلىكى: ئەنگىلىيە قان تىپى: O تىپلىق قان بوي ئېگىزلىكى: 163 سانتېمېتر ئېغىرلىقى: 43 كىلو...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەلىنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ دەپنە مۇراسىمى نەق مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى. شۇ كۈنى ئامېرىكىلىق بوكىس شاھى...
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
Powered by Leglek