ئېنىرگىيە كىرزىسى


ئامرىكىدا خىمىيەلىك يېقىلغۇ بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىنىرگىيە كىرزىسى يۈز بەرمەكتە.ھەر كۈنى ئەتىگەندە مىليونلىغان كىشىلەر ناھايىتى ھارغىن ھالەتتە بىر كۈننى كۈتىۋالىدۇ."مەن پەقەت باشلىيالمايۋاتىمەن"دەيدۇ كىشىلەر.لىكىن كۆپىنچىمىزدە كەم بولغىنى فىزولوگىيەلىك ئىنىرگىيە ئەمەس.شەك-شۈبىسىزكى،بىز ھەممەيلەن ياخشى يەپ كۆپ ئۇخلىيالايمىز.لىكىن ئەمەلىيەتتە،كىشىلەرتارىختىكى ھەر قانداق ۋاقىتقا قارىغاندا تېخىمۇ ساغلام.مەن شۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلالايمەنكى،تېخىمۇ كۆپ ئېنىرگىيەگە ئىرىشىش سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
سىزنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنىڭىز فىزولوگىيەلىك ئېنىرگىيە ئەمەس.ئۇ بولسا مەنىۋىي ئېنىرگىيە. بىزنى ئەجەپلەندۈرىغىنى شۇكى،ھايات بەزىدە بىزنىڭ كۈچىمىزنى خورىتىشقا يارالغاندەكلا بىلىنىدۇ.بىز ھەر كۈنى ناھايىتى جاپالىق ئىشلەيمىز.بىزنىڭ ئائىلە مەجبۇرىيىتىمىز بار.بىز جىددىي ئەھۋاللارغا ۋە شەخسىي كىرزىسلارغا دۇچ كىلىمىز.شۈبھىسىزكى،كۆپىنچىمىز مەنىۋىي جەھەتتىن ھارغىنلىق ھىس قىلىمىز،يەنى بىر خىل روھىي جەھەتتىكى قاتتىق ھارغىنلىق.
شۇنداقلا بىز ھەممىمىز گەرچە ھاياتتا نۇرغۇنلىغان دىشۋارچىلىقلارغا دۇچ كەلسىمۇ يەنىلا خوشال-خۇرام يۈرىدىغان كىشىلەرنى ئۇچرىتىمىز.ھاتتاكى مەن كەمبەغەل،مىيىپ ۋە كىسەلچان بالىلار ئىچىدىمۇ،بۇلارغا پەرۋا قىلماستىن ھاياتلىققا ئاكتىپ ۋە ئۈمىدۋارلىق بىلەن قاراۋاتقانلارنى ئۇچراتتىم.لۇرا خىلەنبىرەندىنى مىسال ئالساق،ئۇ ناھايىتى ئاجىز بەدىنىگە قارىماي سىتىلىشى ئەڭ ياخشى بولغان كىتاپنى يىزىپ چىقتى.ئۇنىڭدا ئورنىدىن قوپۇپ يىزىقچىلىق قىلغۇدەك فىزولوگىيەلىك ئىېنىرگىيە يوق دىيەرلىك ئىدى،لىكىن ئۇ ئۆزى كۆپچىلىك بىلەن بىللە بەھىرلىنىشنى خالايدىغان ھىكايىسى ئۈچۈن بەرداشلىق بىرەلىدى.ئۇنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىغا ياردەم قىلغىنى دەل مەنىۋىي ئېنىرگىيە.
ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ چەكلىنىپ ماڭىدىغان ۋە ئازىيىدىغان فىزولوگىيەلىك ئېنىرگىيەگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى،مەنىۋىي ئىنىرگىيەنىڭ چىكى يوق ھەمدە گىن ۋە كىيىنكى تەربىيە بىلەن مۇناسىۋەتسىز.ئۇنداقتا .ۇنىڭغا قانداق ئىرىشكىلى بولىدۇ؟سىز ئۆزىڭىزگە ئاددىغىنە ئاكتىپ بولۇشنىلا دىسىڭىز بولمايدۇ.سىز چوقۇم ھەرىكەتلىنىشىڭىش كىرەك.تۆۋەندە بەش خىل ئەمەلىي بولغان ئىستىراتېگىيەنى تونۇشتۇرىمىز:
1 .يېڭى نەرسىلەر بىلەن شۇغۇللىنىش
ھاياتىمىزدا يېڭى شەيئىلەر ناھايىتى ئاز يۈز بىرىدۇ،ھاياتىمىزدىكى ئوخشاشلىقنىڭ مەنىۋىي ئېنىرگىيەگە بولغان تەسىرى ئاستا-ئاستا،لىكىن چوڭ.ئۇ خۇددى ئاستا-ئاستا ئۇپراۋاتقان چاققا ئوخشايدۇ.دەسلەپتە سىز ئۇنى پەرق ئىتەلمەيسىز،لىكىن بارا-بارا ھىس قىلىسىز.گەرچە مەنىسىز تۇرمۇش يوللىرىدا سىقىلىپ يۈرۈشىڭىزگە سەۋەپ بولغۇدەك نۇرغۇن باھانە بار بولسىمۇ،ئەمما بۇ خىل ھالەتنى ئوڭشاش يەنىلا ئۆزىڭىزگە باغلىق.36ياشلىق موراا دىگەن ئايال،ئۇ بىر يىل ئاۋال ئۆزىنى تونۇپ يەتكەن بىر كۈتكۈچى.
بەخىتلىنارلىقى شۇكى،مۇرانىڭ بىر ھاياتلىق يولى بار---ئۇ بىر نەچچە ئايال دوسلىرى بىلەن دائىم ھايات توغرىسىدا مۇلاھىزە ئىلىپ بارىدۇ.ئۇلارنىڭ جانلىق مۇلاھېزىلىرى مورانىڭ كىچىك ئەمما ھاياتنى ئۆزگەرتىدىغان تاللاشلىرىغا تۈرتكە بولىدۇ.ئۇ قوشنا شەھەردىكى بىر تەنھەركەت كۇلۇبىغا قاتناشتى.ئۇ قىسقا چاچ ۋە يېڭى قارا مايكىا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى.ئاخىرقى ھىساپتا،مۇرا قاسارىتىنى يىغىپ ئۆزىنىڭ كارخانىسىنى ئاچتى.
بۇ يەردە بىر يېڭىلىق بار:ئەگەر ئۇ سىز ئادەتتە قىلالمايدىغان بىر ئىش بولسا،ئۇنى قىلىشقا سىناپ بېقىڭ.ئەزەلدىن يەپ باقمىغان قورۇمىنى يەپ بىقىڭ؛سىز ئادەتتە ئاڭلىمايدىغان مۇزىكىنى ئاڭلاپ بىقىڭ؛سىز بۇ كىچىك نەرسىلەرنىڭ سىزنىڭ مەنىۋىي ئېنىرگىيەرىڭىزنى جىقايتىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز.
2.ھاياتلىقنىڭ مەنىسىنى ئۆزلەشتۈرۈڭ
كۆپلىگەن بىمارلىرىم ماڭا ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ بۇرۇن مەنىلىك ئىكەنلىكىنى لىكىن كىيىنچە بىر خىل ئىزىدا توختاپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ خىل مەنىسىزلىكنى ھەل قىلىشتىكى بىرىنچى قەدەم بولسا سىز ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان نەرسىلەرنى تىپىپ چىقىش ،ئاندىن ھەرىكەتلىنىش.بىر مىسال ئالساق،لۇي،57ياش،بانكىغا مەنلەغ سالغان بىر باشلامچى."مەن خاتالارچە مەن تاپقان پۇللار خېلى كۆپ مەنىگە ئىگە دەپ ئىشىنىپ قاپتىمەن،لىكىن مەن يوقىتىش ھىس قىلدىم،خۇددى 22 ياشلىق بىر ياش ھاياتىدا نېمىلەر يۈز بىرىشى توغرىدا ئەجەپلەنگەندەكدلا."دېدى ئۇ.لۇينىڭ ئەھۋالىنىڭ ھەل قىلىشى نېمە؟ئۇ "ۋول سىترىتىس "دەپ ئاتىلىدىغان نامرات بالىلارغا پۇل ۋە ۋاقىت ئىئانە قىلىدىغان بىر پىروگراممىغا قاتناشتى.نەتىجىدە،لۇينىڭ ھاياتى باشقا بىر مەناغا ئىگە بولدى.
3.ئۆزىڭىزنى خوشاللىق باغچىسىغا باشلاڭ
كۆپلىگەن ياش قۇرامىغا يەتكەنلەر ئېغىر دەرىجىدە خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولغانلاردۇر.يوقىرى ئېنىرگىيەلىك كىشىلەرنىڭمۇ قالغانلىرىمىزغا ئوخشاش كۈندە قىلىدىغان خىزمىتى بار،لىكىن ئۇلار ھەر خىل مۇھىتتا ھوزۇرلىنالايدۇ.مەن بىلىدىغان بىر ھەقىقىي يەر-مۈلۈك ۋاستىچىسى خىرىدارلارغا ئۆي كۆرسىتىش جەريانىدا ئۆينى كاللىسىدا ھەرخىل زىننەتلەپ ئۆز خىزمىتىدىن ھوزۇر ئالىدۇ."مەن ھەتتا ئادەتتىكى خارابانە ئۆينىمۇ دەرۋازىۋەن تەرىپىدىن ئىنچىكىلىك بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى تەسەۋۇر قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن،ئۇ بىر خىل جەڭ ئىلان قىلىش ----يوق دىيەرلىك بولغان كۆڭۈلگە ياقىدىغان خۇسۇسىيەت ئادەمنى ئەڭ خۇشاللاندۇرىدۇ."دېدى ئۇ.
ئوخشىمىغان كىشىلەر خۇشاللىققا ئوخشاشمىغان ئىزاھات بىرىدۇ،لىكىن مەن كاپالەتلىك قىلىمەنكى،ئەگەر سىز كۈنلىرىڭىزگە ئازراق خۇشاللىق قاتالىسىڭىز،ئۇنداقتا ئېنىرگىيەنى تىز سۈرئەتتە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

4.ئۆكۈنۈش ۋە ئازاب بىلەن خوشلىش
ھەربىر ئادەمنىڭ ئەپسۇسلىنىش بىلەن تولغان ئۆتمۈشى ئۇنىڭغا ئازاپ ئېلىپ كېلىدۇ،بىراق مەنىۋى ئېنىرگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ زىيادە ئېغىرلىقتىن ئۆلىشى بىزنى دائىم ھەركەت قىپ تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ. ئۇلار مېڭىشنى خالىمىغان ۋاقىتتا،مىنىڭ تەكلىۋىم سىز ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز مەدەت بېرىڭ مەيلى بۇرۇن نىمىشلا يۈز بەرگەن بولمىسۇن،چۈنكى ئۇنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.ئەسلىمىلىرىڭىزنى پەقەت ھازىرغىچە يوقاپ كەتكەن يەرگىچە ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ.
5.بىرىش ئارقىلىق ئېرىشىڭ
مەنىۋىي ئېنىرگىيەنىڭ بىر خىل سېھرىي خاراكتىرى بار.سىز قانچە كۆپ بەرسىڭىز شۇنچە كۆپ ئىرىشەلەيسىز.بۇ دەل فىزولوگىيەلىك ئېنىرگىيە بىلەن مەنىۋىي ئېنىرگىيەنىڭ پەرقى.ئالدىكىسىنى،سىز پەقەت بىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغاندىلا بىرەلەيسىز.لىكىن،كىيىنكىسىگە سىز ئۆزىڭىز ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئېرىشىسىز.
سىز ئۇچراتقان ھەر بىر ئادەمدىن"ئەھۋالىڭىز قانداق؟"دەپ سوراڭ.ئەگەر راستىنلا بىلىشنى خالىسىڭىز ئۇلارنىڭ جاۋابىغا قۇلاق سېلىڭ.ئاڭلىغۇچى بولۇڭ.شۇنداقلا كۆپلىگىنىمىز دائىم كۈلۈپ تۇرۇشقا موھتاج.ئەگەر سىز ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئالدى بىلەن سىز ياخشى كۆرگەن كىشىلەر ئۈچۈن كۈلۈمسىرىمىسىڭىز،ئۇنداقتا سىز ئېنىرگىيەنى ئۆزىڭىزنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتىڭىزنى قورىتىۋاتقان بولىسىز.ئەڭ ئاخىرقىسى،باشقىلارغا ياردەم قىلىڭ ھەمدە بۇ ياردەمنى ھەقىقىي،كونكىرىت قىلىڭ.سىز ياخشى كەرىدىغان كىشىگە قىسقسا ئۇچۇر ئىۋەتىڭ؛ياكى ئۇنىڭغا يىمەكلىك تەييارلاپ بىرىڭ؛شۇنداقلا خىزمەت دائىرىڭىزنى كىڭەيتىڭ.ئۆزىڭىزدىن ئەگەر سىزنىڭ مەقسەت-نىشانلىرىڭىز ئۈنۈملىكتىن سىزگە پايدىلىقراق بولسا قانداق قىلىشڭىز كىرەكلىكىنى سوراپ تۇرۇڭ.
يىغىپ ئېيتساق،ئەگەر ئەتراپىڭىزدا يۈرگەن نەرسىلەرنىڭ قولغا كىلىدىغانلىقىغا ئىشەنسىڭىز،ئۇنداقتا نىمىشقا ئەتراپىڭىزدىكى ياخشى نەرسىلەرنىڭ قولغا كىلىدىغانلىقىنى جەزىم قىلالمايسىز؟



خەتكۈچلەر:
14-03-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-04-2016
    فىرانسىيە «دۇنيا گېزىتى» نىڭ 4- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرازىلىيە رىئودې ژانېيرو ئەمگەك نازارەتچىلىك ئىدارىسى شۇ يەر ۋاقتى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى مۇنداق دېگەن: 2013- يىلىدىن بۇيان، بىرازىلىيەدىكى ئولىمپىك ...
26-04-2016
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاۋىستىرىيە ۋىنا، شۇ كۈنى نامايشىچىلار پارلامېنت بىناسى ئالدىغا قەغەز يەشىكلەرنى <چېگرا> غا سىمۋول قىلىپ دۆۋىلەپ قويۇش ئارقىلىق ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ كۆچمەنلەرنى قىسقارتىش سىياسىتىگە قارشى ئېتىرا...
26-04-2016
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، بىرازىلىيە پايتەختى بىرازىلىيە، 21 نەپەر ئەزادىن تەركىب تاپقان كومېتىت بىرازىلىيە كېڭەش پالاتاسىدا بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى روسسېفنى ئەرز قىلىش دېلوسىغا قاراپ چىقىشقا باشلىدى.
26-04-2016
    ياپونىيە بىلەن رۇسىيە يېقىندا دىپلوماتىيە قاتلىمىدا باش ۋەزىر ئابې شىنزونىڭ 5-ئايدا رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. توكيونىڭ «دۇنيا مىقياسى دىپلوماتىيەسى» بىلەن موسكۋانىڭ «شەرققە قاراش دىپلوم...
26-04-2016
    شىۋېيتسارىيە Ruixun بانكىسىنىڭ سودا باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئەنگلىيە مانچېستېر بىرلەشمە پۇتبول كۇلۇبى بىلەن ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شىۋېيتسارىيە Ruixun بانكىسى ئەنگلىيە پۇل- مۇئامىلە نازارەت ئىدارىسى FCA...
26-04-2016
    جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى خاس ئەلچىسى شيې شياۋيەن 21–ئاپرېل سۈرىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋە سۈرىيە زۇڭتۇڭىنىڭ سىياسىي، ئاخبارات مەسلىھەتچىسى بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشكەن. ئىككى تەر...
26-04-2016
   ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرى كارتېر 18–ئاپرېل ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئامېرىكىنىڭ ئىراققا 200 نەچچە كىشىلىك قوشۇن ۋە بىر نەچچە «ئاپاچ» ناملىق قوراللىق تىك ئۇچار ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. كارتېر بۇنىڭدىن ئىلگىرى ...
26-04-2016
    روسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاخبارات تورىنىڭ 25- ئاپرېل خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاناتولى ئانتۇنوف روسىيە-24 تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: روسىيە ئاسىيا-...
26-04-2016
    4-ئاينىڭ 25-كۈنى، بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدىكى مالبېك مېترو بېكىتىنى زىيارەت قىلغان. شۇ كۈنى، ئالدىنقى ئايدا تېرورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان مالبېك مېترو بېكىتى قايتا ئېچىۋېتىلگەن. بۇ...
26-04-2016
    يېقىندا داڭلىق ھەرىكەتلىك فىلىم چولپىنى جەيسىن سىتاسام ۋە تەنناز چولپان جېسسىكا ئالبا باش رول ئالغان فىلىم «مېخانىك2: تىرىلىش»نىڭ تۇنجى فىلىم سۈرىتى ئېلان قىلىندى. بۇ فىلىمدە يەنە كىنو چولپىنى ياڭ زىچيوڭ، تومى لىجونىس ...
Powered by Leglek