خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىبېرىيەگە ئالاھىدە ئەۋەتكەن ئۆمەك شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 4-ئىيۇن داجىد ئوبلاستىنىڭ زۋېدرۇ شەھىرىدە داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ 17-تۈركۈمدە لىبېرىيەگە يېتىپ بارغان تىنچلىق ساقلاش قىسمىدىكى 558 نەپەر ئوفىاتسېر-ئەسكەرگە تىنچلىق شەرەپ مېدالى بەردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى كارلىن لۇندگرېن خانىم، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىبېرىيەگە ئالاھىدە ئەۋەتكەن تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ باش قوماندانى، مايور گېنېرال سالىخۇ زاۋى ئۇبا قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئوفېتسىر-ئەسكەرلەرگە شەرەپ مېدالى تارقىتىپ بەردى. جۇڭگونىڭ لىبېرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ يۆ، لىبېرىيەدە تۇرۇشلۇق قوراللىق قىسىمنىڭ ئەمەلدارى جاڭ فېڭخۇا، لىبېرىيە تىنچلىق ساقلاش ئىتتىپاقداش ئارمىيەسىنىڭ ۋەكىللىرى، ھەربىي ئىشلار، ھەق تەلەپ ئىشلىرى كۆزەتچىلىرى قاتارلىق 300 دىن ئارتۇق كىشى مېدال بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، سۈرىيەنىڭ دالې گېئورگى، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قولىدىن دالې گېئورگى دۆلەتلىك دوختۇرخىسىنىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، ئامېرىكا نيۇيورك. 1000 دىن ئارتۇق ئامېرىكا ئەسكىرى ئىراقتىن ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. ئۇلار توققۇز ئاي ئىلگىرى «ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىراققا بارغان.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved