«نيۇيورك گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 24–نويابىردىكى خەۋەرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى خاگېلدىن ئىستېپا بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
خاگېلنىڭ ماتېرىيالى
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى چاك خاگېل (Chuck Hagel)1946 – يىل ئامېرىكا نېبراسكا شتاتىدا تۇغۇلغان، بۇرۇن قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن، ۋېيېتنام ئۇرۇشىغا قاتناشقان. نېبراسكا شتاتلىق فېدېراتسىيە پارلامېنت ئەزالىق ۋەزىپىسىنى ئۇدا ئىككى قارار ئۆتىگەن.
خاگېلنىڭ بەش بۇرجەكلىك بىناغا كىرىشى ئۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمىغان. 2013 – يىل 1 – ئاينىڭ 7– ئوباما ئۇنىڭ نامىنى ئاتاپ تۇرۇپ، ئۇنى دۆلەت موداپىئە مىنىسترلىقىغا تەيىنلىگەن. بىراق بۇ نامىنى ئاتاپ كۆرسىتىش ئۇسۇلى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئۇلار خاگېل ئىران قاتارلىق ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇدىغان ئەللەرگە بەكمۇ يۇمشاق قوللۇق قىلىدۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، دۆلەت موداپىئەسى بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە پوزىتسىيەسى بەكلا مۇلايىم دېيىشىپ كەتكەن ئىدى.
2013 – يىل 1 – ئايدا، ئاۋام پالاتاسىنىڭ ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئېلىپ بارغان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، خاگېل جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سەككىز سائەتكە سوزۇلغان كۈچلۈك ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، پوزىتسىيەسىنىڭ مۇستەھكەم بولۇشى، گەپ سۆزلىرىنىڭ ئۆتكۈر بولۇشى جەھەتتە ئامېرىكا تارىخىدىكى «ئەڭ» لەر مۇنبىرىدىن ئورۇن ئالغان.
2 – ئاينىڭ 14 – كۈنى، خاگېلنىڭ دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى بولۇش تىرىشچانلىقى دۆلەت پارلامېنتىدا توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. شۇ كۈنى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى توسقۇنلۇق قىلىش كېڭەش تەرتىپىنى ئىشقا سېلىپ، خاگېلنىڭ دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى بولۇش ئىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كەينىگە سۆرىگەن. شۇ ئىش سەۋەبلىك خاگېل ئامېرىكا تارىخىدا تۇنجى قېتىم كېچىكتۈرۈپ قارار چىقىرىلغان، نامزات دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى بولۇپ قالغان. شۇندىن كېيىن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى خېلى كۆپ پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىشىپ ئوباماغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭدىن خاگېلنى نامىنى ئاتاپ ۋەزىپىگە قويۇش ئىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، بىراق ئاقساراي بۇ تەلەپنى رەت قىلغان.
2 – ئاينىڭ 26 – كۈنى، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى خاگېلنى دۆلەت موداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەش ئىشى توغرىسىدا بېلەت تاشلىغان، نەتىجىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن بۇندىن بۇرۇنقى بەس مۇنازىرىلەرنىڭ ھەممىسىگە چېكىت ئۇرۇپ، خاگېل ئۈچۈن ئەڭ چوڭ توسالغۇنى پاكىز تازىلىۋەتكەن. كېيىن دۆلەت پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئاخىرقى قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا، خاگېل 58 قوشۇلغان ئاۋاز، 41 قارشى ئاۋاز بىلەن ئامېرىكىنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك دۆلەت موداپىئە مىنىستىرلىرى تىزىملىكىگە كىرگەن. خاگېل 27 – نويابىر بەش بۇرجەك بىنادا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved