ئىشتىنىغا سىيىپ قويغان ئالتە ياشلىق كېسەل بالىنى دادىسى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى

     ئىشتىنىغا سىيىپ قويغان ئالتە ياشلىق كېسەل بالىنى دادىسى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى

     مۇخبىرنىڭ 15–چېسلا شەنشى ئۆلكىسى يۈنچېڭ شەھەرلىك ج خ تارمىقىدىن ئىگىلىشىچە، شۇ يەرلىك ساقچى تەرەپ يېقىندا بىر قەستەن ئادەم زەخملەندۈرۈپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىنى پاش قىلغان، ئۆلگۈچى بولسا ئالتە ياشقا كىرگەن، ئەقلى ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان قىز ئىكەن، جىنايەت گۇماندارى بولسا دەل ئۆلگۈچىنىڭ ئۆز دادىسى ئىكەن.

     ساقچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل 1–ئاينىڭ 2–كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بەشلەر ئەتراپىدا، بىر ئەر يۈنچېڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىدى يەنخۇ شۆبىسىگە كېلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان. بۇ ئەرنىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ئالتە ياشلىق بىر قىز ئىشتىنىغا سىيىپ قويغاچقا، 1–چېسلا كېچىدە بۇ بالىنى بىرنى تەپكەن، شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ بېشى يەرگە بەك تېگىپ كېتىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلىپ كەتكەن. ئۇ كېچىلەپ قىزىنىڭ جەسىتىنى يۇڭجى شەھىرىدىكى يۇرتىغا ئېلىپ بارغان.

     دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ساقچىلار بۇ ئەرنى سوراققا تارتىش بىلەن تەڭ كېچىلەپ بۇ دېلونى رازۋېتكا قىلغان. بىر تۈركۈم ساقچىلار دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ ئىسپات ئالغان؛ يەنە بىر تۈركۈم ساقچىلار گۇماندارنىڭ يۇرتىدىكى جەسەت قويۇلغان يەرنى تەكشۈرۈپ، ئۆلۈم سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ، دەلىل ئىسپاتلارنى مۇقىملاشتۇرغان.

    ساقچىلار تەكشۈرۈش داۋامىدا ئۆلۈپ كەتكەن قىزنىڭ بەدىنىنىڭ خېلى كۆپ يەرلىرىنىڭ كۆكىرىپ كەتكەنلىكى، كۆپىچىسىنىڭ كونا يارا ئىزى ئىكەنلىكىنى سەزگەن، بۇ ھېلىقى ئەرنىڭ بايانلىرىغا سەل ماس كەلمەيدۇ. بۇندىن باشقا، ساقچىلار زىيارەت داۋامىدا، يېقىن ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، جىنايەت گۇماندارى خې فامىلىلىك دائىم بالىسىنى ئۇرۇپ دۇمبالايدىكەن.

تەپسىلىي دەلىل ئىسپات ۋە تۇغقانچىلىق مېھر مۇھەببەت ئالدىدا، جىنايەت گۇماندارى خې فامىلىلىك ئاخىرى ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جىنايەت گۇماندارىنىڭ فامىلىسى خې (ئەر، 33 ياش، شەنشى ئۆلكىسى يۇڭجى شەھىرىدىن) ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ قىزى ئەقلى توسالغۇلۇق كېسىلى بولۇپ قالغاچقا دائىم ئاسانلا جېدەل قىلىدىغانلىقى، شۇڭا بالىسىنى كۆپ قېتىم ئۇرغانلىقى ئېنىقلانغان. 2016– يىل 1– ئاينىڭ 1– كۈنى كەچ سائەت ئونلاردا، خې فامىلىلىك كىشى يەنە بىر قېتىم قىزىنى ئۇرغان، نەتىجىدە قىزىنىڭ كانىيىدىكى يېمەكلىك يېنىپ كېتىپ، تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالغان.

ھازىر، جىنايەت گۇماندارى خې فامىلىلىك كىشى قەستەن ئادەم زەخملەندۈرۈپ ئۆلتۈرۈپ قويۇش جىنايىتى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە قولغا ئېلىنغان، بۇ دېلو ھازىر تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ.



خەتكۈچلەر:
16-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
26-05-2016
 ما يۈن بىر ئۇتۇق قازانغان كارخانىچى، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر، باشقىسىنى دېمەيلا تۇرايلى، پەقەت ئۇنىڭ چەت ئەللىك دوست ئەربابلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت...
26-05-2016
جۇرۇڭفا 80-يىللارنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان تىپىك روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى، ئۇ شەرق ئەرلىرىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھەقىقىي نامايەن قىلدى. ئۇ 42 يىللىق كەسپى ھاياتىدا كۆپلىگەن ئوبرازلارنى يارىتىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەل...
Powered by Leglek