ئەنگلىيە «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستاندا بىر پېرىخون قان قىلىپ نەزىر قىلىش ئۈچۈن ۋەھشىيلىك بىلەن بوۋاق بالىنىڭ بېشىنى كىسىۋېلىپ دەرەخكە ئېسىپ قويغان، تېخىمۇ قورقۇنچلۇق يېرى شۇكى، ئۇ يەنە ئېغىزىنى يوغان ئېچىپ ئېقىپ چىققان قاننى ئىچىۋالغان. بۇ مەنزىرە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن كەنت ئاھالىلىرىنى قورقۇتىۋەتكەن بولۇپ، بۇ ئەر كىشى نۆۋەتتە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.ئىگىلىنىشىچە، تەننى شۈركەندۈرىدىغان بۇ ۋەقە ئىككى يىل بۇرۇن غەربىي بېنگال ئىشتاتىدىكى باكولا ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن. سۈيىقەست ئاشكارىلانغان چاغدا، ئۆزىنى Lakshmi KantaSarkar دەپ ئاتىۋالغان بىر پېرىخون بوۋاق بالىنىڭ بېشىنى كېسىۋېلىپ دەرەخكە ئېسىپ قويغان. كەنت ئاھالىلىرى قەبرىستانلىقتا Lakshmi KantaSarkar نى بايقىغان ۋاقىتتا، Lakshmi KantaSarkar نىڭ بوۋاق بالىنىڭ قېنىنى ئىچىۋاتقان مەنزىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن.
قاتتىق قورقۇپ كەتكەن كەنت ئاھالىلىرى Lakshmi KantaSarkar نى تۇتۇپ قاتتىق ئۇرغان، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ Lakshmi KantaSarkar نى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ساقچىلار تېزلىكتە بۇ دېلونى قوبۇل قىلدى ھەم ئۇنى قولغا ئالدى. 17 نەپەر ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن گۇۋاھچىنىڭ سوتقا قاتنىشىپ گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن Lakshmi KantaSarkar غا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved