تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان چىلىنى زىيارەت قىلدى

      ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان شۇ جاي ۋاقتى 1-چېسلا لېتىن ئامېرىكا زىيارىتىدىكى بىرىنچى بېكەت چىلىغا يىتىپ كەلدى، ئۇ ئارتۇرو مېرىنو بانىتېز خەلقئارا ئايرودرومى (Arturo • Merino • Benitez International Airport) غا يىتىپ كەلگەندە چىلى دىپلوماتىيە مىنىستىرى قاتارلىق كۆپ قىسىم ئەمەلدارلار ئۇنى كۈتىۋالدى. ئەردوغان 2010-يىلى چىلى زېمىنىغا كەلگەن تۇنجى تۈركىيە زۇڭلىسى بولۇپ قالغان ئىدى، ھازىر بولسا زۇڭتۇڭ بولۇش سۈپىتى بىلەن چىلى پايتەختى سانتىياگوغا بارىدۇ.

      ئەردوغان سانتىياگودىكى مەدەنىيەت مەركىزىدە «تۈركىيە ۋە چىلى ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى 90 يىللىقى» باش تېمىسىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسىنى كۆرىدۇ، كېيىن تۈركىيەنىڭ سانتىياگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا بېرىپ زىياپەتكە قاتنىشىدۇ، ئۇ يەنە لامونېدا سارىيى (La Moneda Palace) دا چىلى زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشىدۇ. سەيشەنبە كۈنى ب د ت ۋەكىللەر ئۆمىكى باشقارمىسىدىكى پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ.

         ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى ئىقتىساد بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئارلىقى گەرچە يىراق بولسىمۇ، بىراق ئىككى تەرەپ كان بايلىقى ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى جەھەتتە يېقىندىن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. تۈركىيە چىلىغا توشۇغۇچى تىراكتور، پولات-تۆمۈر مەھسۇلاتلىرى ۋە گىلەم قاتارلىق ماللارنى ئېكىسپورت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چىلى تۈركىيەگە مىس ۋە مېۋە-چىۋە ئېكىسپورت قىلىدۇ.

تۈركىيە ۋە چىلى ئىككى تەرەپنىڭ ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ۋە ئەركىن سودا كېلىشىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئەردوغاننىڭ زىيارەت قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى دۆلەت سودىسى يېڭى پۇرسەتلەرنى ياراتقۇسى.

ئەردوغانغا ھەمراھ بولۇپ چىلى زىيارىتى قىلغانلاردىن يەنە ئەردوغاننىڭ ئايالى ئامىنە ئەردوغان (Amina • Erdoğan)، مۇئاۋىن زۇڭلى ئېكېدۇئان (Ekeduoan)، سانائەت ۋە پەن-تېخنىكا مىنىستىرى، ئېنېرگىيە مىنىستىرى ۋە بىر قانچە سابىق مىنىستىر قاتارلىقلار بار.



خەتكۈچلەر:
03-02-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئاۋسترالىيە ئاساسى گۈللەندۈرۈش ھەم قاتناش مىنىستىرى Darren Chester 26-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، ھىندى ئوكيان دېڭىز ساھىلىدىن يې...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى فىرانسىيە ۋە مىسىر بىرلىشىپ ئىككى شەخسى شىركەتنى مىسىر ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنى ئىزدەشكە...
27-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىئوردانىيەنىڭ ئوماندا ئىئوردانىيە خان جەمەتى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئىئوردانىيە مۇستەقىللىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. ئىئوردانىيە پادىشاھى، خانىش ۋە ئۈچ بالىسى تەبرىكلەش پائالىي...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 26- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندوېزىيە زۇڭتۇڭى 26- ماي جىددىي پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى...
27-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات تورى 26-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكىلىق بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسىغا بۇندىن تۆت يىل بۇرۇن بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 6.5 مىليون يۈەن) لاتارىيە مۇكاپاتى چىققان. بىراق ئارقىدىنلا ئۇنىڭ ئايالى ئې...
27-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، سىرىلانكا مۇقدىشو. ئۆتكەن نەچچە كۈندە مۇقدىشو ئۇدا ياغقان قارا يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتى نەچچە يۈز ئائىلىلىك كىشىنى يۇرت-ما...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىرېلاندىيەنىڭ دۇبلىن، 1916-يىلىدىكى پاسخا بايرىمى قوزغىلىڭىدا ۋاپات بولغان ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، كانادانىڭ ئېرلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋىككېرس (Kevin Vickers) تەر...
27-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئوكرائىنا 112- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنى ئوكرائىنا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، سابىق سوۋ...
27-05-2016
 خەلقئارا لىنىيە تورى 26-ماي خەۋىرى،نۇر تورى تەرجىمىسى:   ياپونىيە NHK ئاخبارات تورىنىڭ 26-ماي خەۋەر قىلىشىچە، 26-ماي چۈشتىن بۇرۇن G7 ئىسې شىما باشلىقلار يىغىنى ياپونىيەدە باشلانغان. ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ئىسې مۇ...
Powered by Leglek