ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى. ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامىروننىڭ سايلىنىشى بىلەن تەشكىللەنگەن سېمىس كومىتېتى شۇ يەر ۋاقتى 27- نويابىر دوكلات ئېلان قىلىپ ،مەزكۇر كومىتېتنىڭ شوتلاندىيەدىكى بەش چوڭ كومىتېت بىلەن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق كېلىشىم ھاسىل قىلپ شوتلاندىيەگە تېخىمۇ كۆپ ئىچكى ئىشلار ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشقا قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى .
سېمىس كومىتېتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن ،مەزكۇر كومىتېت شوتلاندىيەدىكى ئىشچىلار پارتىيىسى ،ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى مىللىي پارتىيىدىن ئىبارەت بەش چوڭ پارتىيە بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ ،شوتلاندىيەگە مالىيە باج يىغىش ،ۋە پاراۋانلىق جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشكە قوشۇلدى .ھەمدە بىر قاتار ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ،ئۇلار تۆۋەندىكىدەك :
مالىيە ۋە باج يىغىش سىياسەت ،شوتلاندىيە پارلامىنتىغا كىرىم تاپاۋەت بېجى ،ئاۋىئاتسىيە يولۇچى بېجى ۋە قىسىمەن قوشۇلما قىممەت بېجىنى يىغىشنى بەلگىلەش ھوقۇقى بېرىلىدۇ ،مۇناسىپ باجنى شوتلاندىيە ئۆزى ساقلاپ قالىدۇ ،پاراۋانلىق تۈزۈلمىسى جەھەتتە ،شوتلاندىيە پارلامېنتنىڭ يېڭى پاراۋانلىق تۈرىنى بەلگىلەش تەستىقلاش ھەر بىر پاراۋانلىق تۈرىنىڭ چىقىم سوممىسىنى ئەركىن تەڭشەش قارار قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ .ياشانغانلار مېيىپلار ۋە كېسەللەرگە قارىتىلغان پاراۋانلىق سىياسىتىنى تەڭشەش ھوقۇقىمۇ شوتلاندىيەگە تەۋە بولىدۇ .سايلام جەھەتتە شوتلاندىيە سايلىغۇچىلىرىنىڭ بېلەت تاشلاش يېشى 16 ياشقا تۆۋەنلىتىلىدۇ .16 ياشتىن 17- ياشقىچە بولغان قورامىغا يەتمىگەنلەر شوتلاندىيە يەرلىك سايلىمىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ .مەزكۇر دوكلات ئەنگىلىيىنىڭ شوتلاندىيە ئۈچۈن ھوقۇقنى ئايرىپ قانۇن تۇرغۇزۇشنىڭ ئاساسى بۇلۇپ قالىدۇ ،ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامىرون بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .ئۇ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان ھوقۇقنى ئايرىش لاھىيسى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شوتلاندىيەگە تېخىمۇ كۆپ ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىش ۋەدىسىنى ئىپادىلەيدۇ دەپ قارىدى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved