ياپونىيە NHK خەۋەرلەر تورىنىڭ 21-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو 21-ئاپرېل ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىغا پاۋلونىيە دەرىخىنى نەزىرلىك ئورنىدا ئاپارغان. مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنىدىن كېيىنكى ئۈچ كۈندە ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىدا يازلىق نەزىر ئۆتكۈزۈلىدۇ. باش ۋەزىر ئابې شىنزو ‹‹ئىچكى كابېنت زۇڭلىسى ۋەزىرى ئابې شىنزو›› دېگەن سالاھىيەت بىلەن 21-ئاپرېل سەھەردە نەزىرلىك ئاپارغان.
ئابې شىنزو ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا-ئافرىقا يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 21-ئاپرېل كەچتە ياپونىيەدىن يولغا چىقىپ، 23-ئاپرېل كەچتە قايتىپ كېلىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved