پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
【خان مادرىد كۇلۇبى 4-0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلدى. ئوڭۇشلۇق ھالدا دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى】
12-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر سائەت 3:30 ئۆتكەندە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى خان مادرىد كۇلۇبى مېھمان مەيداندا كۆك كىرىست كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا راموس بىلەن بېنزىما بىردىن توپ كىرگۈزدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا بېل بىلەن ئىسكو بىردىن توپ كىرگۈزدى. س لو ئىككى ياردەمچى پاس بەردى. ئاخىرىدا 4-0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا 21 مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئوڭۇشلۇق ھالدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.
【بارسېلونا كۇلۇبى 8-1 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلدى. پىدرو قالپاق كەيدى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر سائەت 5:00 بولغاندا ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 16 كۈچلۈككە كىرىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئۇچرىشىشىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ ئۆز مەيدانىدا ئىسپانىيە س دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى ۋىسكا كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا بارسېلونا كۇلۇبى 4-0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلغان ئىدى. بۇ مۇسابىقىدە بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ مەشقاۋۇلى ئېنرىك ئاساسلىق ئەزالارنى مەيدانغا چىقارمىدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئالدىنقى يېرىم مەيداندا پېدرو قالپاق كەيدى. ئىنىستا بىلەن روبىرت بىردىن توپ كىرگۈزدى. كېينكى يېرىم مەيداندا ئادېرىيانو يىراقتىن بىر توپ كىرگۈزدى. تىراۋ يەنە بىر توپ كىرگۈزدى. رامىلېس ئاخىرىقى بىر توپنى كىرگۈزدى. ۋېسكا كۇلۇبىدىن مولىر ياس بىر توپ كىرگۈزۈپ ئۆز كۇلۇبى ئۈچۈن ئازراق يۈز تاپتى. ئاخىرىدا بارسېلونا كۇلۇبى 8-1 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ ئومۇمى نەتىجىدە 12-1 بولۇپ كېيىنكى ئايلانمىغا قەدەم قويدى.
【بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبى 2-0 فىلان قەلئەسى كۇلۇبى. روبىن توپ كىرگۈزدى. بىنادىيا، ئالونسو ، لېۋەندوفۇسكى يارىلىنىپ مەيداندىن چېكىندى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر ۋاقتى سائەت ئۈچ بولغاندا 14-15 مۇسابىقە پەسلى گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 16-ئايلانمىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىسى بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبىنىڭ ئۆز مەيدانىدا فىلان قەلئەسى كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. بۇ بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبىنىڭ قىشلىق ئارام ئېلىش پەسلىدىن بۇرۇنقى ئاخىرقى بىر مەيدان ساھىبخان مۇسابىقىسى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا روبىن رىبىرى نىڭ ھاۋادىن بەرگەن توپىنى ۋاراتارغا كىرگۈزدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا مۇللېر يەنە بىر توپ كىرگۈزدى. بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بېنادىيا ، لېۋەندوفۇسكى ، ئالونسۇ قاتارلىقلار يارىلىنىپ مەيداندىن چېكىندى. ئاخىرىدا بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبى 2-0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلدى.
【چېلسىي كۇلۇبى 3-1 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلدى. فىلىپ ئىختىيارى توپ كىرگۈزدى. زۇما، دىروگبا يارىىلىنىپ مەيداندىن چېكىندى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر ۋاقتى 3:45 ئۆتكەندە ئېنگىلاند بىرلەشمە مۇسابىقە لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى چېلسىي كۇلۇبى مېھمان بۇلۇپ پۇراد باغچىسى توپ مەيدانىدا ئېنگىلاند چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى دېربىگۇن كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. چېلسىي كۇلۇبىدىن خازارد، فىلىپ ۋە چۇرلى قاتارلىقلار بىردىن توپ كىرگۈزدى. قارشى تەرەپ بىر توپ قايتۇرۇۋالدى. ئاخىرىدا چېلسىي كۇلۇبى مېھمان مەيداندا 3-1 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلدى.
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved