رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە مالىيە مىنىستىرى مۇستافا ئەلتاش «سابا گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەنقەرە ھۆكۈمىتى رۇسىيە تەرەپنىڭ ئەنقەرەگە چەكلەش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقى تۈپەيلىدىن، دۇنيا سودا تەشكىلاتى (WTO) غا ئەرز قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ھازىر پاكىت توپلاۋاتقان ئىكەن. رۇسىيە تۈركىيەگە قارىتا چەكلەش سىياسىتى ئېلىپ بارغاندىن بۇيان، تۈركىيەنىڭ يېمەكلىك ۋە ساياھەتچىلىكى زور زەربىگە ئۇچرىغان. «سابا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنقەرە ھۆكۈمىتى كېنىيە، نىگېرىيە ۋە باشقا ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىشنى پىلانلىغان.
بۇنىڭدىن بۇرۇن رۇسىيە ئىقتىساد تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرىنىڭ مۆلچەرىچە، رۇسىيە تۈركىيە سودا سوممىسى 18-19 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن، بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە.
1-ئاينىڭ 1-كۈنى تۈركىيەگە قارىتىلغان ئىقتىسادى چەكلەش سىياسىتى رۇسىيەدە رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان. رۇسىيە يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان تۈركىيەدىن يېمەكلىك ئىمپورت قىلىشنى چەكلەپ، ئىجارىگە ئالغان ھاۋا لىنىيەسىنى بىكار قىلىپ، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى توختىتىپ، كۆپ ساندىكى رۇسىيە كارخانىلىرىدىن تۈركىيە پۇقرالىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved