شىنجاڭدىكى دىننى زاتلار: ھاياتلىقنى زىيانغا ئۇچرىتىش ‹‹قۇرئان››دىمۇ چوڭ گۇناھ دىيىلگەن

جۇڭگو خەۋەر ئاگېنىتلىقنىڭ 5-ئاينىڭ22-كۈنى ئۈرۈمچىدىن بەرگەن تېلگراممىسى لەگلەك تورى تەرجىمسى ، شىنجاڭ كورلا شەھرى تېكىچى يىزىسنىڭ ئىمامى غۇپۇر ئىمىن 22-چېسلا جۇڭگو خەۋەر ئاگېنىتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتنى قۇبۇل قىلغاندا ‹‹قۇرئان››دىكى دىننى ئەھكامنى چۈشەندۈرۈپ ئېيتىشىچە:‹‹ھەرقانداق بىر ھاياتلىقنى زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىتىش ‹‹قۇرئان›› دا چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.›› 

 

غۇپۇر ئىمىن مۇنداق دەيدۇ:‹‹ قانۇنسىز دىن سۆزلىگۈچىلەر ‹يات دىندىكلەرنى ئۆلتۈرسە جەننەتكە كىرىدۇ› دەيدۇ، بەزى ياشلار دەرھاللا تۆھپە ياراتماقچى بۇلۇپ ئاسانلا ئۇلار تەرپىدىن پايدىلنىپ كىتىلدۇ، ھەقىقى ‹‹قۇرئان›› ئەھكامىدا  يات دىندىكلەرنى ئۆلتۈرۈش ئەمەس ھەتتا ھەر قانداق بىر ھاياتلىقنى ئۆلتۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. ‹‹قۇرئان›› دىكى كۆپ جايلاردا بولسا ئىتتىپاقلىق ،دوستلۇق، ئوخشىمغان مىللەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىش تەشەببۇس قىلىنغان  ، ئادەم ۋە ئادەم ئوتتۇرسىدا ئىتتىپاقلىشىش ، دوستلىشىش بولغاندىلا ئاندىن تەرەققىيات بۇلىدۇ. قانۇنسىز دىن سۆزلىگۈچىلەر كۆپ ھاللاردا ‹‹قۇرئان››نى باشلىنىش نوقتىسى قىلىپ دىن سۆزلىگەنلىك بايرىقنى كۆتۈرۋالدۇ، بىراق سۆزلەپ ئاخىرغا كەلگەندە دىننىڭ ئەسلى مەنىسنى ئۆزگەرتىۋىتىدۇ، ئۇلارنىڭ سۆزلىگىنى دىن ئەمەس بەلكى قانۇنسىز تېرورلۇق ھەركىتى.››

 

ئۇ يەنە تۇلۇقلاپ مۇنداق دەيدۇ:‹‹ توردىكى كۆپلىگەن قانۇنسىز  دىن سۆزلىگەن سىن ئاساسلىقى چېگرا سىرتىدىن تارقىلىپ كىرگەن، ھازىرقى بەزى ياشلار مەسچىتكە كىرمەيدۇ، ئۇلار توردىن قانۇنسىز دىن سۆزلىگەن سىنلارنى ، ماتىرياللارنى چۈشۈرۋالىدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ دىننى چۈشەنچىسى بەكلا مۈجمەل بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ئاسانلا ھەقىقى مەنىسنى چۈشەنمەي ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈپ قانۇنسىز دىننى تەشۋىقات تەرپىدىن قۇتراتقۇلۇق قىلىشقا ئۇچرايدۇ.››

 

‹‹   ‹قۇرئان› دا ئېنىق دىيىلگەن ، ئاكتىپلىق بىلەن ئۇرۇش قوزغاشقا بولمايدۇ.›› غۇپۇر ئىمىن بۇندىن سەل ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككىگە ھەج قىلغىلى بارغاندا ئالاھىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسالام جىھاد قىلغان خارابىلىكلەرنى زىيارەت قىلغان . ئۇنىڭ دىيشىچە، ‹‹جىھاد›› بولسا ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى سىرىتنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراپ ھاياتلىق تەھدىتكە ئۇچرىغاندا زۆرۈر بولغان مۇداپىئە  بۇلۇپ، ھەرگىزمۇ تېرورلۇق كۈچلىرى ئۆزگەرتىۋەتكەندەك ‹‹ئىلاھى ئۇرۇش›› ئەمەس .

 

5-ئاينىڭ20-كۈنى، شىنجاڭدىكى 6 يەرلىك ئوبلاسىتلىق سوت مەھكىمىسى زوراۋان تېرورلۇققا مۇناسىۋەتلىك ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى تاقىتىشقا چېتىشلىق 16 تۈركۈم  جىنايەتكە ئوچۇق سوت ئاچقان. بۇ دېلولاردا بەزى جاۋابكارلار كۆپ قېتىم تېلفۇن كارتىسدىكى تېرورلۇق پەيدا قىلىشقا قۇترىتىش سىنىنى كۆرگەندىن كىيىن ئۆزىدە ‹‹جىھاد›› قىلىش خىيالىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى  شۇنىڭ بىلەن قانۇنسىز قورال ياساش ، سۈيقەسىت قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈشنى پىلانلاش قاتارلىق ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقنى ئېتراپ قىلغان.

 

بەزى ئۆلمالارنىڭ كۆرسىتىشچە، خەلقئارا ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ مۇھىت تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى تۈپەيلىدىن  ، چېگرا ئىچى -سىرتىدا ئىنتىرنىت تورى ۋە يۆتكىلىشچان ساقىلاش كارتىلىرنىڭ ۋاستىسى  ئارقىلىق دىننى ئەسەبى ئىدىيە ۋە تېرورلۇق تەشۋىقاتلىرنى تارقىتىش ھالىتى ناھايتى گەۋدىلەنمەكتە. بۇ خىلدىكى ئۈن-سىن بۇيۇملارنىڭ  دىننى ئەسەبىي ئىدىيەنى كىشلەر كاللىسغا سىڭدۈرۈپ، تېرورلۇق تېخنىكىسى ۋە پارتلاتقۇچ ياساش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئۈگۈتۈشى تېرورلۇق دېلولىرى توختىماي يۈز بېرىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى بۇلۇپ قالماقتا. 

 

 

 



23-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek