سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت شىركەتلىرىنى ئىسلاھ قىلىدىغان بولدى

       ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 10-يانۋاردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانى دۆلەت ئىلىكىدىكى بىر نېفىت شىركىتىنى قىسمەن خۇسۇسىيلاشتۇرۇپ، تارىختىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك پاينى بازارغا سېلىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋېتىپتۇ، بۇ شىركەتنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش قىممىتى 1 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىشى مۆلچەرلەنگەن. سەئۇدى ئەرەبىستانى نېفىت شىركىتىنىڭ خام نېفىت قېزىش مىقدارى يەرشارى خام نېفىت قېزىش مىقدارىنىڭ 1/8 نى ئىگىلەيدىكەن. ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ۋە زاپاس مىقدارىدىن قارىغاندا، بۇ شىركەت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتى ھېسابلىنىدىكەن.

        بۇ شىركەتنىڭ ئىلىكىدىكى نېفىت زاپاس مىقدارى 261 مىليارد تۇڭغا يېتىدىغان بولۇپ، دۇنيا خام نېفىت زاپاس مىقدارىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى %15 تىن ئاشىدىكەن.

        سەئۇدى ئەرەبىستانى پاي بازىرىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتمەيدىكەن. شىركەت مەسئۇللىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شىركەت پېيىنى بازارغا سېلىشتا مۇۋاپىق نىسبەتتىكى پېيى ۋە قارمىقىدىكى بىر يۈرۈش شىركەتلەرنىڭ پېيىنى بازارغا سالىدىكەن.

شىركەت مەسئۇللىرى مۇنداق دېدى:«پاينى بازارغا سېلىش لايىھىسى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىسلاھات ئۈچۈن لايىھىلىگەن كەڭ كۆلەملىك، ئالغا ئىلگىرىلەش نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ماس كېلىدۇ. ئىسلاھات سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ھەر قايسى ئىقتىسادىي تارماقلارنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش ۋە بازارلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانى نېفىت شىركىتى بۇ ئىسلاھاتلارنى قەتئىي قوللايدۇ».

پېيىنى بازارغا سېلىش لايىھىسى خەلقئارادىكى نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىشىدەك ئارقا كۆرۈنۈش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 2014-يىلى ئىيۇندىن بۇيان خەلقئارادىكى نېفىت باھاسى %70 تۆۋەنلىگەن. بۇ سەۋەبلىك سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىقتىسادى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان. سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە خامچوت قىزىل رەقىمىنىڭ ئېشىشىغا تاقابىل تۇرماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بۇلتۇرقى خامچوت قىزىل رەقىمى 98 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ يىلقى خام چوت قىزىل رەقىمىنىڭ دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلەيدىغان نىسبىتىنىڭ %13 كە يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. مالىيە كىرىمىنىڭ 3/4 قىسمىنى ئىگىلەيدىغان نېفىت  مالىيىسى بەربات بولغان. سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى ئېنېرگىيە تولۇقلىمىسىنى ئازايتىشقا مەجبۇر بولغان. قوشۇمچە باج ئېلىش، ئاممىۋى تارماقلارنىڭ چىقىمىنى تىزگىنلەش، ئايروپورت قاتارلىق بايلىقلارنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلەرنى كىرگۈزگەن.

يەرشارى كرىزىسىدىن مەسلىھەت بېرىش شىركىتىنىڭ نېفىت بازىرىنى ئانالىز قىلغۇچىسى مايكول پولسون مۇنداق دېدى:«بۇ شىركەتنىڭ پېيىنى بازارغا سالماقچى بولغانلىقى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يۇقىرى مىقداردىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ساقلاش ئارقىلىق بازاردىكى ئۈلۈشىنى ساقلاپ قالماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر بىرەيلەن زىبۇ-زىننەتلىرىنى ساتماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ ئارقىغا چېكىنمەسلىك قارارىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلار يېڭى پۇرسەتنى تېپىش ئارقىلىق ئۆز ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشى ئىقتىسادىنىڭ نورمال ئايلىنىشىنى ساقلاپ قېلىشتىكى يەنە بىر خىل تاللاش».

سەئۇدى ئەرەبىستانى نېفىت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، قارمىقىدىكى بىر قىسىم نېفىتلىكلەر ھەر بىر تۇڭ نېفىتنى بەش ئامېرىكا دوللىرىغا يەتمىگەن ئەھۋالدا قېزىپ چىقىرالايدىكەن.



خەتكۈچلەر:
16-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek