قارامايدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ بېلەت باھاسى 6-دېكابىردىن باشلاپ 85 يۈەنگە تەڭشەلدى . ئىلگىرىكى بىر بېلەت 112 يۈەنلىك باھاغا سېلىشتۇرغاندا ، چۈشۈش نىسبىتى %24 ئەتراپىدا بولدى .
تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، قاراماي-ئۈرۈمچى لىنىيەسىنىڭ توشۇش ۋەزىپىسىنى نۆۋەتتە جېئەن يولۇچى توشۇش شىركىتى ، دېلىشى يولۇچى توشۇش شىركىتى ، خاۋتيەن يولۇچى توشۇش شىركىتى قاتارلىق ئۈچ شىركەت ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ ، بۇ لىنىيەگە چوڭ تىپتىكى ئاپتوبۇسلار سەپلەنگەن .
جېئەن يولۇچى توشۇش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى جاۋ ۋەنشيەننىڭ بىلدۈرۈشىچە ، گەرچە ئاپتوبۇسنىڭ بېلەت باھاسى چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن سۈپەت ۋە مۇلازىمەت يەنىلا تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولۇپ ، ئاممىغا قۇلايلىقلىق يارىتىلغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved