10. مىسىر قاھىرە، نوپۇسى 18 مىليون.
قاھىرە مىسىرنىڭ پايتەختى ھەمدە ئەڭ چوڭ شەھرى، يەنە شىمالىي ئافرىقا ھەمدە ئەرەب دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر. مىسىر نىل دەرياسىنى كېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، پۈتۈن ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە قاتناش مەركىزى.
9.ئامېرىكا نىيويورۇك، نوپۇسى 18 مىليون 700 مىڭ.
نىيويورۇك ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى چوڭ شەھرى. ياپونىيەنىڭ توكيو، ئەنگىلىيەنىڭ لوندون، فىرانسىيەنىڭ پارىژ ھەمدە نىويورۇك بىرلىشىپ دۇنيادىكى تۆت چوڭ شەھەرنى تەشكىل قىلغان. نىيويورۇك شەھرى ئامېرىكا ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز قىرغىقىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، خۇدسون دەرياسى نىيويورۇك شەھرىنىڭ قاتناش قولايلىقلىقىنى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي پورتلارنىڭ بىرى بولغان نىيويورۇك پورتىنىڭ بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان. نىيويورۇك شەھەر رايونلىرى ئاساسەن مانخاتتان، ستاتەن ئارىلى ۋە ئۇزۇن ئارال قاتارلىقلار بولۇپ، يەر مەيدانى كىچىك بولغاچقا نوپۇس زىچلىقى ناھايىتى يۇقىرى.
8.جۇڭگو بېيجىڭ، نوپۇسى 19 مىليون.
بېيجىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ۋە دۆلەت مەركىزى شەھرى. بېيجىڭ پۈتۈن دۆلەتنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا ۋە خەلقئارالىق ئالاقە مەركىزى بولۇپ، دۇنياغا داڭلىق قەدىمىي شەھەر ۋە زامانىۋى خەلقئارالىق شەھەر.
7.ياپونىيە ئوساكا، نوپۇسى 20 مىليون.
ئوساكا ياپونىيەنىڭ خونسيو ئارىلىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، ياپونىيە بويىچە ئىككىنچى چوڭ شەھەر، ياپونىيەدە پايتەخت توكيودىن قالسىلا ئوساكا شەھرىدۇر. بۇ شەھەر بىر يۇقىرى دەرىجىدە قىستاڭچىلىققا تولغان خەلقئارالاشقان شەھەر بولۇپ، ئوساكا قولتۇقىغا يۈزلىنىپ تۇرىدىكەن. ئوساكا شەھرى ياپونىيەنىڭ ئىقتىساد مەركىزىگە ئايلانغان بولۇپ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى توكيودىن قالسىلا دۆلەت بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. GDP ئومۇمىي قىممىتى ئاسىيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا، دۇنيا بويىچە يەتتىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.
6.ھىندىستان بومباي، نوپۇسى 20 مىليون 700 مىڭ.
بومباي ھىندىستاننىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ۋە دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ دېڭىز پورتى. بومباي ھىندىستاننىڭ سودا ۋە كۆڭۈل ئېچىش كەسپىنىڭ مەركىزى، شۇڭا بۇ شەھەر ناھايىتى ياخشى بولغان سودا پۇرسىتىگە ئىگە. بومبايدا نۇرغۇنلىغان شىركەتلەرنىڭ باش شىتابى ۋە ھىندىستان دۆلەتلىك ئاكسىيە سودا بازىرى، ھەر خىل بانكىلارنىڭ باش شىتابى بار ئىكەن.
5.بىرازىلىيە سان پاۋلو، نوپۇسى 21 مىليون.
سان پاۋلو بولسا بىرازىلىيە ھەمدە جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي يېرىم شاردىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدىكەن. بۇ شەھەر بىرازىلىيە ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ سانائەت، پۇل-مۇئامىلە، سودا، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى ئىكەن.
4.مېكسىكا مېكسىكا شەھرى، نوپۇسى 21 مىليون 800 مىڭ.
مېكسىكىنىڭ پايتەختى مېكسىكا بولسا مېكسىكىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىدىكى ئېگىزلىكتىكى تاغ جىلغىسىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2240 مېتىر، كۆلىمى 1500 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىكەن. مېكسىكا شەھرىگە پۈتۈن دۆلەت سانائەت، سودا، مۇلازىمەت كەسپى ۋە بانكا، پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ يېرىمى توپلاشقان. بۇ شەھەر پۈتۈن دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى ئىكەن.
3.جۇڭگو شاڭخەي، نوپۇسى 23 مىليون.
شاڭخەي جۇڭگونىڭ بىرىنچى چوڭ شەھرى بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىرىدىن بىرى. شاڭخەي دۆلەت مەركىزى شەھرى، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، پۇل-مۇئامىلە مەركىزى.
2.ھىندىستان دېھلى، نوپۇسى 26 مىليون.
دېھلى ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساش بىلەن داڭق چىقارغان بولۇپ، يېڭى دېھلى ۋە كونا دېھلى دەپ ئىككىگە ئايرىلىدىكەن. يېڭى دېھلى ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي قىسىمغا جايلاشقان بولۇپ، كونا دېھلىدىن بىر ئىشىك ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىكەن.
1. ياپونىيە توكيو، نوپۇسى 38 مىليون.
توكيو دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ شەھەر بولۇپ، دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركىزى.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved