22-سىنتەبىر پولشا زۇڭلىسى ئېۋا.كوپاچ ۋە ئۇنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋالدى. كوپاچ پولشا ئۈچۈنچى جۇمھۇرىيىتى تارىخىدىكى 14-زۇڭلى شۇنداقلا ئىككىنچى ئايال زۇڭلى بولۇپ قالدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە پولشا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى.پولشا زۇڭتۇڭى كوموروۋىسكى 15-سىنتەبىر پولشا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى كوپاچنى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن سابىق زۇڭلى تۇسىكنىڭ ئورنىغا پولشانىڭ يېڭى زۇڭلىلىقىغا كۆرسەتتى. تۇسىك 30- ئاۋغۇست ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى، ئۇ 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. پولشانىڭ قانۇنىغا ئاساسەن، ئۇ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسى ۋە پولشا پۇخرالار پىروگراممىسى پارتىيىسىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشى كېرەك.
كوپاچ بۇنىڭدىن ئىلگىرى پولشا پۇخرالار پروگراممىسى پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىدى. تۇسىك ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، ئۇ پولشا پۇخرالار پروگراممىسى پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولدى. ئارقىدىنلا، بىرلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پۇخرالار پروگراممىسى پارتىيىسى بىلەن پولشا خەلق پارتىيىسى بىرلىكتە كوپاچنى يېڭى زۇڭلى نامزاتلىقىغا كۆرسەتتى. زۇڭتۇڭ ھوقۇق بەرگەندىن كېيىن، كوپاچ قايتىدىن پولشا يېڭى ھۆكۈمىتىنى تەشكىللىدى ھەمدە 19-سىنتەبىر يېڭى ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.
رەسمىي قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋالغان پولشا يېڭى ھۆكۈمىتى تۇسىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى ساقلاپ قالدى، بۇ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بىرلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەھەتتە ئىزىچللىقنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يېڭى ھۆكۈمەت ئوخشاشلا 19 ئەزادىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار زۇڭلى كوپاچ ۋە 18 مىنىستىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.پولشا زۇڭتۇڭى كوموروۋىسكى 22-سىنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: گەرچە كېلەر قېتىملىق پارلامېنت سايلىمىغا پەقەت بىر يىللا ۋاقىت قالغان بولسىمۇ، ئەمما يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسى يېنىك ئەمەس.
يېڭى ھۆكۈمەت بىر تەرەپتىن پولشا ئىقتىسادىنىڭ رىقابەت كۈچىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەرىقنى كىچىكلىتىشى كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن پولشاغا يىتەكچىلىك قىلىپ، ئۇنىڭ ياۋرو رايونىغا كىرىشىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىلىرىنى ئىشلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا ئوكرائىنا كىرزىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، پولشانىڭ شەرقىي چىگرىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشمۇ يېڭى ھۆكۈمەت دۇچ كېلىدىغان قىيىن ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى.
كوپاچ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن رەھبەرلىك قىلىدىغان پولشا ھۆكۈمىتى قۇدرەتلىك كۈچلىك ھۆكۈمەت بولىدۇ. يېڭى ھۆكۈمەت سىياسەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە سىجىللىقىنى ساقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مېنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئالاھىدىلىكىمنى تولۇق نامايان قىلىدۇ. ھەر بىر پولشالىقنىڭ پەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئېتىبار بېرىش پولشا يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيىتى، باش ۋەزىپىسى بولسا دۆلەتنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھەر بىر پولشا ئائىلىسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش.
كوپاچ ھۆكۈمىتى 22-سېنتەبىر قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن، 1-ئۆكتەبىر پولشا پارلامېنتىغا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش پروگراممىسىنى دوكلات قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پالامېننىڭ ئىشىنىش ئاۋازىنى قوبۇل قىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved