سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3–يىغىنى يېپىلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى، يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 13 – مارت تېلېگراممىسى. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 13 – مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەشكە ئەزا ئورۇنلار ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ بارلىق ئەزالىرى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ، 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يول ئىچىپ ئىلگىرىلەپ، ‹‹ئىككى 100 يىل›› كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن دۇ چىڭلىن، خەن چىدې، پابالا گېلىلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، لى ۋېنيى، لو فۇخې، خې خۇخۇا، جاڭ چىڭلى، لى خەيفېڭ، چېن يۈەن، لۇ جەنگۇڭ، جۇ شياۋچۈەن، ۋاڭ جيارۇي، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چى شۈچۈن، چېن شياۋگاڭ، ما پېيخۇا، ليۇ شياۋفېڭ، ۋاڭ چىنمىن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.


شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.
يېپىلىش يىغىنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە باشلاندى. يۈ جېڭشېڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزانىڭ 2227 كىشى ئىكەنلىكىنى، بۈگۈنكى يىغىنغا 2114 كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى، بۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
يىغىندا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 – يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 – يىغىنىنىڭ تەكلىپلىرىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 – يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى ماقۇللاندى.


يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: يىغىن مەزگىلىدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، گۇرۇپپىلارغا بېرىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى ئۈستىدە كېڭەشتى، ئەزالارنىڭ تەكلىپ – تەۋسىيەلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىن ئىبارەت زور مەسىلە ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان رېئال مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىرلىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، پائال چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ۋەتەننىڭ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان، مەسئۇلىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئادا قىلىدىغان، بوشاشماي تىرىشىدىغان روھىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولۇشتەك مۇھىم رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى جانلىق نامايان قىلدى.


يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۆلەت ۋە خەلقنى يېتەكلەپ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش تارىخىي مۇساپىسىگە قەدەم قويدى، بىز نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشكە ئاتلاندۇق، بىز جەزمەن بۇرچىمىزنى ئېنىق تونۇپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرۇپ، ئورتاق كۈرەش نىشانى، ئورتاق تارىخىي بۇرچ ۋە ئورتاق مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق ئىسلاھات، تەرەققىيات، قانۇن ئىدارە قىلىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە قىممەت قارىشى ئورتاق تونۇشىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتەك ئىدىيەۋى، سىياسىي ئاساسىمىزنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. ئاممىۋى قاراش ۋە خەلقنى كۆزلەشتە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، بىيۇروكراتلىق، سۆلەتۋازلىقتىن يىراق تۇرۇپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكىنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىشىمىز؛ ئەخلاق ئۆلچىمىدە ۋە پاك – دىيانەتلىك، تەلەپچان بولۇشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، راھەتپەرەسلىك ۋە شەخسىيەتچىلىكتىن ساقلىنىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا، سىياسىي كېڭەشنىڭ قائىدە – تۈزۈم ۋە ئۆلچەملىرىگە تېخىمۇ ئۈلگە بولۇپ رىئايە قىلىشىمىز؛ ئەمەلىي ئىشلەپ ئالغا ئىنتىلىش، تىرىشىپ ئىشلەپ كەسپىنى سۆيۈش روھىنى ئىزچىل ساقلاپ، راھەت – پاراغەتكە بېرىلىش، جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋېلىش، بوشاڭلىق قىلىشقا قارشى تۇرۇپ، ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىشىمىز؛ دېموكراتىك كېڭىشىش ۋە ئاقىلانە، كەڭ قورساق بولۇشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، سەمىمىيەتسىزلىك، لەۋزىدە تۇرماسلىق، چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشنى قاتتىق توسۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ سۆزلەش ھوقۇقى ۋە تەسىر كۈچىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، گەپنىڭ راست، سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىي، ھەرىكەتنىڭ دۇرۇس بولۇشىنى، دۆلەتكە، خەلققە ۋە ئۆزىگە پايدىلىق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ شەرەپلىك نامىغا مۇناسىپ ئىش قىلىشىمىز كېرەك.


يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا رەھبىرىي يولداشلاردىن يەنە ما كەي، ۋاڭ خۇنىڭ، ليۇ يەندۇڭ، ليۇ چىباۋ، شۈ چىلياڭ، سۈن چۈنلەن، سۈن جېڭسەي، لى جيەنگو، لى يۈەنچاۋ، ۋاڭ ياڭ، جاڭ چۈنشيەن، فەن چاڭلۇڭ، مېڭ جيەنجۇ، جاۋ لېجى، خۇ چۈنخۇا، لى جەنشۇ، گو جىنلۇڭ، خەن جېڭ، جاۋ خۇڭجۇ، ياڭ جىڭ، ۋاڭ شېڭجۈن، چېن چاڭجى، يەن جۈنچى، ۋاڭ چېن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، جاڭ پىڭ، شياڭبا پىڭسو، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، جاڭ باۋۋېن، چېن جۇ، چاڭ ۋەنچۈەن، ياڭ جيېچى، گو شېڭكۇن، ۋاڭ يۇڭ، جۇ چياڭ، ساۋ جيەنمىڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يېپىلىش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى تەكلىپكە بىنائەن يېپىلىش مۇراسىمىنى سىرتتىن ئاڭلىدى.


يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.



خەتكۈچلەر:
14-03-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، كېنىيە قىزىل كىرىسىت جەمئىيىتىنىڭ 29-چېسلا ئاشكارىلىشىچە، پايتەخىت نايروبىدا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ، شەھەرنىڭ شەرقىي قى...
30-04-2016
شېنجىندا نىمكەش ئۆي باھاسى ئۇدا 18 ئاي ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە باشلىدى. 4-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، پۈتۈن شەھەردىكى يېڭى ئۆي پۈتۈشۈش مىقدارى پەقەت 2259 يۈرۈش بولۇپ، 3-ئايدىكىگە قارىغاندا %49 تۆۋەنلەپ كەتتى، پۈتۈشۈش ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىۋ...
29-04-2016
     جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، باج تاپشۇرغۇچىلار ئەمدى «نىكاھ ئىسپاتى» تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ. 28-چېسلا مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئۆي-ج...
29-04-2016
4-ئاينىڭ 27-كۈنى ساياھەتچىلەر جىنلۇڭ كەنتىدىكى بىر پارچە 3D سترېئولۇق رەسىم ئالدىدا خاتىرە رەسىمگە چۈشمەكتە. 2015-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ شەھىرىدىكى جىنلۇڭ كەنتى بىر تۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق، 442 كورپۇ...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 27-كۈنى، شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ ئەيليەن لوڭتېڭ سانائەت رايونىدىكى جوڭتۇڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يېنىدىكى ئامبارغا ئوت كەتكەن. ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقى تېزلىكتە دايۈنچېڭ، لوڭدۇڭ، لوڭگاڭ، پىڭخۇ، خېڭگاڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئوت...
27-04-2016
2016-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى رۇڭشىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىر ئېگىز قەۋەتلىك بىنانىڭ سىرتقى تام گەۋدىسىدىكى تام چاپلاقلىرى  چۈشۈپ كېتىپ ئولتۇراق رايون ئاھالىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. ...
26-04-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ئاپرېل، ئۇكرائىنانىڭ سىلاۋۇتىچې شەھىرىدە خەلق ئاممىسى تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، چىرنوبىلدا يادرو ۋەقەسىدە قاز قىلغانلارنى خاتىرىلىگەن. 1986-يىلى 26-ئاپرېل، كىيېۋ شەھىرىنىڭ شىمالىغا 13...
25-04-2016
    ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: فرانسىيە «فىگارو گېزىتى» نىڭ 4-ئاينىڭ 24-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەنىڭ «يەكشەنبە تايمىس گېزىتى» يېقىندا ئېلان قىلغان يىللىق رەت-تەرتىپتىن قارىغاندا، لوندون يەرشارىدىكى م...
07-02-2016
       شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تەينەندىن ئەۋەتكەن تېلىگراممىسى: تەيۋەن تەينەن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتىن 15 مىنۇت ئۆتكە...
07-02-2016
      ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇبەيدە يېڭىدىن كاتتا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مېھمانساراي 2018-يىلى رەسمىي تىجارەت باشلايدىكەن. بۇ مېھمانساراي لايىھەسىنىڭ...
Powered by Leglek