ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئاپوللو (Apollo) نىڭ ئاي شارىغا چىقىشى دۇنيا تارىخىدىكى ناھايىتى زور بىر ئىش، ئاي شارى ئىزچىل ئىنسانلار نەزىرىدە سىرلىق بىر جاي ھېسابلىنىدۇ، بىراق ئاي شارىغا چىقىش، ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىنى چۈشۈنۈشىگە چوڭ ئاساس سالغان. بىراق ئاي شارىغا چىققان شۇ ۋاقىتتا زادى قانداق ئىشلار يۈز بەرگەن، بۇنى بىلىدىغانلار ئانچە كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن.
ئاپوللو پىلانى (ApolloProject)
ئاپوللو پىلانى يەنە ئاپوللو قۇرۇلۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئامېرىكا 1961-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا شۇغۇللانغان ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئاي شارىغا قونۇش ۋەزىپىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن 70-يىللىرىغىچە بولغان ئارلىقتا ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئاي شارىغا قونۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان ۋە قىسقارتىپ «ئاپوللو پىلانى» دەپ ئاتىغان ئىدى. ئۇ دۇنيا ئالەم قاتنىشى تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچلۈك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ.
بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر بۇ ئىشنىڭ راستلىقىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى، گۇمانلانغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئالەم قاتنىشى رىقابىتىدە ئىزچىل ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا تېخنىكىلىق شارائىت پىشىپ يېتىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ تۇنجى بولۇپ ئاي شارىغا چىقىشىدىن ئىبارەت يالغانچلىقنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، خەلقئارا ئاممىسىنى ئالدىغان.
2000-يىلى 7-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا، روسىيە تەتقىقاتچىسى ئالېكساندىر گولدوۋ (Alexander Goldov) مېكسىكا «مەڭگۈلۈك ھەپتىلىك ژورنال» تېخنىكا نۇسخىسىدا ئامېرىكىنىڭ 31 يىل بۇرۇن تارتقان ئاي شارىغا قونۇش سۈرىتىگە قارىتا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە ئىدى:ئاپوللو ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي شارى يەر يۈزىدە چۈشكەن سۈرىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە ھېچ قانداق يۇلتۇز يوق. ئاي شارىدا ھاۋا يوق، ئاسمان قاپقارا، ئۇنداقتا يۇلتۇزلار قەيەرگە كەتكەن؟
2. سۈرەتتىكى بۇيۇملارنىڭ سايىسى ئوخشىمىغان يۆلىنىشتە تۇرىدۇ، بىراق قۇياشنىڭ نۇرىدىن شەكىللەنگەن سايە بىر يۆلىنىشتە بولۇشى كېرەك ئىدى.
3. سۈرەتكە تارتىش خاتىرىسىدە، ئاي شارى يۈز قىسمىغا سانجىلغان ئامېرىكا بايرىقى لەپىلدەپ تۇرىدۇ، بىراق ئاي شارىدا ھاۋا يوق، شۇڭلاشقا بايراق ھەرگىزمۇ لەپىلدىمەسلىكى كېرەك ئىدى.
4. سىن ماتېرىيالى خاتىرىسىدىن قارىغاندا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئاي شارى يۈز قىسمىدا خۇددى يەر شارى يۈز قىسمىدا ماڭغاندەك ھالىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاي شارىنىڭ ئېغىرلىق كۈچى يەر شارىنىڭكىگە قارىغاندا بەكلا كىچىك، دېمەك ئاي شارىدا بىر قەدەم ئېلىش خۇددى يەر شارىدا 5-6 مېتىر ئۇزۇنلۇققا چامدىغانغا باراۋەر كېلىدۇ.
ئالېكساندىر گولدوۋنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئەينى ۋاقىتتا ئاي شارى يەر يۈزىگە يېقىنلاشقان، بىراق تېخنىكا سەۋەبىدىن ئاي شارىغا قونالمىغان. بىراق ئامېرىكا ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن، سوۋىت ئىتتىپاقىنى بېسىپ چۈشۈپ، تۇنجى قېتىم ئاي شارىغا قونغانلىقىنى داۋراڭ سالغان.
بىراق بۇ قېتىم ئاي شارىدىن ئېلىپ كەلگەن ئېغىرلىقى 300 كىلوگىرام كېلىدىغان، چوڭ-كىچىكلىكى يەر شارىدىكى قۇرام تاش بىلەن پەرقلىنىدىغان قورام تاش قەيەرگە كەتتى. يۇقارقى نۇقتىلاردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاپوللو ئەزەلدىن ئاي شارىغا چىقىپ باقمىغان، بۇ خەۋەر ئەسلىدە يالغان خەۋەردۇر.
بىراق ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، 1999-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئامېرىكا ۋاشىنگىتون دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى مۇزىيى ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئاي شارىغا قونغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرلىگەن ۋاقىتتا، تۇنجى قېتىم ئاي شارىغا چىققان نېيىل ئارىمسىتروڭ (Neil Armstrong) ھەر قانداق مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى، ئىمزا قويۇش ۋە بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشۈش قاتارلىق پائالىيەتكە قاتنىشىشنى رەت قىلغان. تۇنجى بولۇپ ئاي شارىغا قەدەم قويغان بىر ئادەم نېمە ئۈچۈن بۇنداق جىم تۇرىۋالىدۇ؟ بۇمۇ كىشىلەرنى گۇمانغا سالىدىغان نۇقتا.
شۇڭلاشقا، كۆپ نۇقتىدىن تەھلىل قىلىپ قاراپ باقىدىغان بولساق، ئاي شارىغا قونۇشنىڭ راستلىقىدىن ئادەم ھەقىقەتەن گۇمانلانماي تۇرالمايدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخى شارائىتتىمۇ ئاي شارىغا چىقىش يالغانچىلىقىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشقا ھەيران قالمىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر بۇ سىرنى ئېچىشقا توغرا كەلسە، يەنىلا تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارنى قولغا چۈشۈرۈش ۋە ئانالىز قىلشقا توغرا كېلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved