قارا جەمئىيەت كاتتىلىرىغا زەربە: لىيۇ فامىلىلىك 5 قېرىنداشقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 5- ئاينىڭ 23 – كۈنى خۇبېي ئۆلكىسى شيەننىڭ شەھرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، خۇبېي ئۆلكىسى شىيەننىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلىق سوت مەھكىمىسى 23- چېسلا ئەتىگەن سائەت 9 دا لىيۇ ۋېي قاتارلىق قارا جەمئىيەت تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش، قارا جەمئىيەتكە قاتناشىپ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، خەلقنى قاقتى – سوقتا قىلىش، جەمئىيەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايى قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغان 36 كىشىگە سوت ئاچتى.


سوت نەتىجىسىدە جاۋابكار لىيۇ ۋېي، لىيۇ خەنگە قارا جەمئىيەت تەشكىللەش، قارا جەمئىيەت خاراكتېرلىك تەشكىلاتقا باشچىلىق قىلىش، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسى، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش جازاسى، مال - مۈلىكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بەردى. جاۋابكار تاڭ شىيەنبىڭ، جاڭ دوڭخۇا، تىيەن شىيەن ۋېي، يۈەن شاۋ لىن، ۋېن شىياڭ جۇ، جاڭ ۋېي، زېڭ جىيەن جۈن، خۇاڭ موۋ، لىيۇگاڭ، كۇاڭ شىياۋ پىڭ، جوڭ چاڭخۇا، خېن لى جۇ قاتارلىقلارغا، قارا جەمئىيەت خاراكتېرلىك تەشكىلاتلارغا قاتناشىش، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش قىلمىشى بىلەن ئايرىم ھالدا ئۆلۈم جازاسى، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش جازاسى بەردى ۋە قوشۇمچە جەرىمانە قويدى. جاۋابكار سۈنخۇاجۈن،مىيۇجۈن،چېن لى مىڭ، زېڭ جىيەن، يەن جۈن، لى بو، كۇاڭ شىياۋ يەن... قاتارلىق 19 كىشىگە قارا جەمئىيەت خاراكتېرلىك تەشكىلاتلارغا قاتناشىش، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، قەستەن ئادەم زەخمىلەندۈرۈش قىلمىشى بىلەن ئايرىم ھالدا يىگىرمە يىلدىن - ئۈچ يىلغىچە قاماق جازاسى بەردى ۋە بىر قىسىم قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا قوشۇمچەجەرىمانە قويۇش ياكى مال – مۈلۈكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بەردى. جاۋابكار لىيۇ شۇە جۈن، لىيۇ جوڭ ۋېي،لۈ بىن قاتارلىقللارغا قارا جەمئىيەت ئەزالىرىغا يانتاياق بولۇش، كەڭچىلىك قىلىش، پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئايرىم ھالدا 16 يىل، 13 يىل، 11 يىل مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى ۋە قانۇنسىز تاپاۋەتلىرىنى مۇسادىرە قىلدى. جاۋابكار ئورۇن خەن لوڭ گورۇھىغا زاكالەت پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋىلىش، ساختا تالون چىقىرىش قىلمىشلىرى بىلەن 300 مىليون يۈەن جەرىمانە قويدى. جەمئىي 5 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى، 5 ئادەمگە كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى، 4 ئادەمگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى، 22 ئادەمگە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى.


شىيەننىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىدە، جاۋابكار لىيۇخەن، لىيۇ ۋېي كۆپ كىشىلەر بىلەن مۇقىم ۋە سىستېمىلىق بولغان جىنايي تەشكىلات تورى شەكىللەندۈرگەن، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئادىمى كۆپ بولۇپلا قالماي يەنە ئېنىق بولغان باشلامچىسى، تەشكىللىگۈچىسى ۋە مۇھىم ئەزالىرى بار. تەشكىلىي ھالدا قانۇنسىز قىملىش ۋاستىسى ياكى باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ پۇل – پېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئىقتىسادىي ئاساسىغا تايىنىپ، تەشكىلاتنىڭ ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرغان. تېررورلۇق، زومىگەرلىك، تۇتقۇن قىلىش ۋە باشقاجىنايى ئۇسسۇللار ئارقىلىق كۆپ قېتىم ئادەم ئۆلتۈرش، زەخمىلەندۈرۈش قىلمىشلىرىنى سادىر قىلىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە ماددىي بىخەتەرلىكنى زور تەھدىدكە ئۇچىراتقان.
زومىگەرلىك، تەھدىت سېلىش ۋاستىسى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى بىر قىسىم خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇپ، قوغداپ جەمئىيەتتە ئېغىر بولغان يامان تەسىر پەيدا قىلغان، شۇنداقلا گۇڭخەن شەھەرلىك قىمارخانا ئويۇنچۇقلىرىنى ئۆز كونتىروللىقىغا ئېلىۋىلىپ، يۇقىرىقى ئورۇنلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراتقان ۋە جەمئىيەت تەرتىۋېنى قالايمىقانلاشتۇرغان. شۇڭلاشقا سوت ھۆكۈمىدە، بۇ تەشكىلاتنى خاراكتېر جەھەتتىن قارا جەمئىيەت دەپ بىكىتكەن. جاۋابكار لىيۇ خەن، لىيۇ ۋېي كۆپ قېتىم جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ، قاتتىق جازا بېرىلىپ جەرىمانە قويۇلغان. باشقا جاۋابكارلار قىلمىشىنىڭ ئېغىر – يىنىكلىكىگە قاراپ ، ئايرىم ھالدا، قارا جەمئىيەتكە قاتناشىش، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، قانۇنسىز ئادەم تۇتقۇن قىلىش، قانۇنسىز قورال – يىراق، پارتىلاتقۇچ ئېلىپ – سېتىش ، قانۇنسىز تىجارەت قىلىش، ئالدامچىلىق قىلىش، ئىقتىسادنى قەستەن بۇزۇپ چېچىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرى بويىچە تېگىشلىك جازالانغان.



خەتكۈچلەر:
24-05-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جىڭ چۇ تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
       شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تەينەندىن ئەۋەتكەن تېلىگراممىسى: تەيۋەن تەينەن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتىن 15 مىنۇت ئۆتكە...
07-02-2016
      ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇبەيدە يېڭىدىن كاتتا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مېھمانساراي 2018-يىلى رەسمىي تىجارەت باشلايدىكەن. بۇ مېھمانساراي لايىھەسىنىڭ...
01-02-2016
        ئامېرىكىنىڭ «پەن-تېخنىكا ئىچكى سىرى» ناملىق تور بېتىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا،كىشىلەر شەھەرگە يۈرۈش قىلغان بولۇپ، لېكىن يەر شارى بۇنىڭغا ئەگىشىپ چوڭايمايدىكەن. بۇ بىزنىڭ تۇرالغۇلىرىمىز بارغا...
01-02-2016
      شېنجىن شەھىرى لۇڭخۇا يېڭى رايونى مىنجى كوچىسىدىكى ئىككى بىنا چاپلىشپ قالدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى بىنانىڭ ئارىلىقى ئەسلىدە بىر مېتىر قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئارىلىق يېقىنلاپ ئىككىلا بىنا قىيسىيىپ، ئىن...
26-01-2016
    ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلدى: «ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتقان (دۇلدۇل)- KC-46A تىپلىق ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايروپىلانى بىلە...
26-01-2016
«يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى»نىڭ 26- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نورۋېگىيە ساقچى تەرەپ، يېقىندىلا رۇسىيە چېگراسىدىن قېچىپ نورۋېگىيەگە چېگراسىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان 80 دىن كۆپرەك مۇساپىرنى قويۇپ...
14-01-2016
         ۋىكتور ئېنرىچ بارسېلونادىكى بىر 3D قۇرۇلۇش سۈرەت لايىھەلەش ئۇستىسى، ئۇ خېرىدارغا قۇرۇلۇش لايىھىسىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن  قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىنكى ھەقىقىي ئۈنۈمنى كۆزىتىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈ...
12-01-2016
      11-يانۋار لەنجۇ شەھىرى چېڭگۈەن رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا بۇ رايوندىكى ئاھالىلەر لەنجۇ جيۇجۇ ھەمكارلىق يېڭى كەنتى 2- رايونىدىكى 9-، 10- نومۇرلۇق ئولتۇراق بىنالاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چا...
11-01-2016
     ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.     ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
11-01-2016
    دۆلەت س س م ب باش ئىدارىسى يېقىندا «ئۆي-زىمىن سېتىش ئېلانىنى تارقىتىش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ بەلگىلىمە 1- فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.     «بەلگىلىمە»دە ئۆي-زىمىن ئېلانلىرىدا ئىستىمالچى...
Powered by Leglek