2015 – يىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ج خ سىستېمىسىدا جەمئىي 438 نەپەر ساقچى ۋە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەر قۇربان بولدى، 4599 نەپەر ساقچى ۋە ھەربىي يارىلاندى. بۇنى مۇخبىر 1 – 23 – كۈنى ئېچىلغان، مەملىكەتلىك ج خ نازىرلىرى، ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنىدا ئاڭلىغان بىر گۇرۇپپا سان. تېنچلىق دەۋرىدە، ج خ قوشۇنى ئەڭ كۆپ قۇربانلىق بېرىدىغان بىر قوشۇن بولۇپ قالدى.
ئۇزۇندىن بۇيان، كۈنسايىن مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقان، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى ۋەزىپىسى ئالدىدا، كەڭ خەلق ساقچىلىرى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىپىسىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئۆزىنىڭ كىچىك ئائىلىسىدىن ۋاز كېچىپ، چوڭ ئائىلىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ناھايىتى زور جىسمانىي بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ كەلدى. ج خ مىنىسترلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى، جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرى ساقچىلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش، نۆۋەتچىلىك قىلىش جەھەتتىكى بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، ساقچى ئىشلىرىدا ئەمەلىي جەڭ ماھارىتى تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى، بىخەتەر قورال جابدۇقلار كاپالىتىنى كۈچەيتىشى، ئۆز ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، نام نىشانسىز ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئازايتىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى، «تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن جازا قانۇنى» نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇن قورالىنى يېتەرلىك ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، ساقچىلارنىڭ نورمال قانۇن ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قەتئىي زەربە بېرىپ، ساقچىلارنىڭ قېنىنى ھەرگىزمۇ بىكارغا ئاقتۇرماسلىق كېرەك. نازارەتچىلىك تارماقلىرى رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، ھەم مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاش، ھەم ساقچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ج خ مىنىسترلىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى، تۈرلەرگە ئايرىپ باشقۇرۇش ۋە كەسپىي كاپالەت ئىسلاھاتى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، ساقچىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ساقچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ساقچىلارغا ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساقچىلارنىڭ ئۆز كەسپىنى يۈكسەك تونۇش تۇيغۇسى، پەخرلىنىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ج خ قوشۇنىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى، ئىنتىلىش كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved