جۇڭگو ئاخبارات تورى 1-دېكابىر خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، 1-دېكابىر ياپونىيەنىڭ توكيودىكى بىر قەھۋە شىركىتىدە بىر « ماشىنا پىركازچىك » (Pepper) ئائىلىدە ئىشىلتىلىدىغان قەھۋە ماشىنىلىرىنى خېرىدارلارغا تونۇشتۇرغان .
خەۋەر قىلىنىشىچە ، « ماشىنا پىركازچىك » نىڭ مەھسۇلاتلارنى سېتىپ چىقىرىشتىكى ماھىرلىقىنى تونۇپ يەتكەن بۇ شىركەت 2015-يىل ئاخىرىغىچە مىڭغا يېقىن « ماشىنا پىركازچىك »نى ياپونىيەدىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىش ئورۇنلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى تاللا بازارلىرىغىچە كېڭەيتىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ « ماشىنا پىركازچىك » خېرىدارلارنىڭ چىراي ئىپادىسى ۋە ئاۋازىغا قاراپ ئۇلار بىلەن مەلۇم دەرىجىدە سۆزلىشەلەيدىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved