گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 29-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئېكۋاتور گىۋىنىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى ئوبىياڭ بىلەن كۆرۈشتى
شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 29-ئاپرېل تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 29-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئېكۋاتور گىۋىنىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى ئوبىياڭ بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ئېكۋاتور گىۋىنىيەسى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى خەلقئارا بوران-چاپقۇنلارنى ۋە ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۆزئارا ئىشىنىشى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى، ئۆزئارا ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. تۈنۈگۈن رەئىس شى جىنپىڭ سىز بىلەن مول مەزمۇنلۇق سۆھبەت ئۆتكۈزدى. جۇڭگو تەرەپ ئېكۋاتور گىۋىنىيەسى تەرەپ بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىققنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved