ۋېيتنام ياشلار گېزىتىنىڭ 1- ئاينىڭ 3- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 1- ئاينىڭ 1- كۈنى ۋېيتنامنىڭ بىر بېلىقچىلىق كېمىسى ۋېيتنامنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى دېڭىز قىرغىقىدا چەتئەل كېمىسى تەرىپىدىن سوقۇپ چۆكتۈرۈۋېتىلگەن، بېلىقچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەزكۇر بېلىقچىلىق كېمىسىنىڭ ئۈستىدە خەنزۇچە خەت بار ئىكەن.
سوقۇپ چۆكتۈرۈۋېتىلگەن بېلىقچىلىق كېمىسى بۇ يىل 69 ياشقا كىرگەن ۋېيتاناملىق بېلىقچى خۇينخ خوپنىڭ بولۇپ، 1- يانۋار چەتئەل كېمىسى تەرىپىدىن سوقۇپ چۆكتۈرۈۋېتىلگەندە مەزكۇر كېمە گۇاڭجى ئۆلكىسىنىڭ كانكو ئارىلىغا 60 ئىنگىلىز مىل كېلىدىغان جايدا بېلىق تۇتۇش مەشغۇلات قىلىۋاتقانىكەن.
خۇينخ خوپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بېلىقچىلىق كېمىسىگە ھازىر ئۇنىڭ ئوغلى ئېگدارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، كېمىگە جەمئىي 10 بېلىقچى چىققانىكەن. چەتئەل كېمىسى بۇ كېمىگە سوقۇلغان ۋاقىتتا ئۇلار ئارام ئىلىۋاتقانىكەن، مەزكۇر چەتئەل كېمىسىنىڭ ئوزۇنلىقى تەخمىنەن 30 مېتىرچە بولۇپ، بېلىقچىلىق كېمىسىدىن ئۈچ ھەسسىدەك چوڭكەن. بىرنىچى قېتىم سوقۇلغاندا، بېلىقچىلىق كېمىسىدىكى يەتتە بېلىقچى سۇغا چۈشۈپ كەتكەن، مەزكۇر چەتئەل كېمىسى بېلىقچىلىق كېمىسىگە يەنە بىر قېتىم سوقۇلۇپ، بېلىقچىلىق كېمىسىنى تولۇق دۈم كۆمتۈرىۋەتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved