شىۋېيتسارىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى ئايروپىلانى «قۇياش نۇرى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى» 2-نومۇر كېلەر يىلى 4-ئايدا كۆك ئاسمان بوشلۇقىغا قايتىپ، يەر شارىنى ئايلىنىش ساياھىتىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن. «قۇياش نۇرى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى» تۈرىنىڭ باشلىغۇچىسى ۋە شوپۇرى ئاندىرې بوئورشىبوگ شىۋېيتسارىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئايروپىلان كېلەر يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتراپىدا ئامېرىكا ھاۋايدىن ئايرىلىدۇ. ئەمما يەر يۈزى ۋە بوشلۇقتىكى سىناققا ئالاقىدار خىزمەتلەر كېلەر يىلى 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلىنىدۇ.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، «قۇياش نۇرى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى» 2-نومۇرلۇقنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇچۇش جەريانىدا زىيانغا ئۇچرىغان باتارىيەسى ئالماشتۇرۇلغان، بۇ ئايروپىلاننىڭ قايتا ئۇچۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەن.
ئايروپىلاننىڭ كېيىنكى توختاش بېكىتىنى تىلغا ئالغان ۋاقىتتا، ئاندىرې بوئورشىبوگنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئايروپىلان كانادانىڭ ۋانكۇۋىر ياكى ئامېرىكىنىڭ سان فىرانسىسكو، لوس ئانژېلېس قاتارلىق جايلىرىدا توختىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما ئۇچۇش نىشانى نىيۇيورك ئىكەن. ئاندىن ئايروپىلان ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئىسپانىيە ياكى ماراكەشكە يېتىپ بارىدىكەن.
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى، «قۇياش نۇرى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى» 2-نومۇر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇزەبىدىن يولغا چىقىپ، شەرققە قاراپ ئۇچۇپ، 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكا ھاۋايغا يېتىپ بارغان. ئەمما كېيىن ئۇچۇش كوللىكتىپىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئايروپىلان تىنچ ئوكياندىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ رېكورت يارىتىلغان ئۇچۇش جەريانىدا باتارىيە زىيادە قىزىق بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلگەن بولۇپ، ھاۋايدا رېمونت قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
«قۇياش نۇرى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى» 2-نومۇر پەقەت قۇياش ئېنېرگىيەسىگە تايىنىپ ئۇچۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بولۇپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە نامايان قىلىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved