پۇتىن رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى يەرلەرنى كۆچمەنلەرگە ھەقسىز تەقسىملەپ بېرىشنى قوللىدى


رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن دۈشەنبە كۈنى ھۆكۈمەت خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق زېمىنىدىكى ‹‹ھەقسىز تەقسىملەپ بېرىش›› قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى. پۇتىننىڭ قارىشىچە، لايىھە گەرچە مۇنازىرىگە ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن بۇ تەشەببۇسنى قوللاشقا بولىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ تۈرلۈك قانۇن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇق كۆچمەنلەر يىراق شەرق رايونىدا كۆپىيىپ، رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونى جۇڭگوغا يېشىل يېمەكلىك ئېكسپورت قىلىشتىكى ئاساسلىق رايونغا ئايلىنىپ قالىدىكەن.


بۇ تۈرلۈك رۇسىيە فېدېراتسىيەسى يىراق شەرق رايونى ‹‹ھەقسىز تەقسىملەپ بېرىش›› پىلانىنىڭ مەزمۇنى دۆلەتنىڭ زاپاس چەكسىز يىراق شەرق رايونىنىڭ زېمىنىنى شۇ يەرلىك ھەربىر پۇقراغا بىر گېكتاردىن ھەقسىز تەقسىملەپ بېرىشتىن ئىبارەت، ئەمما شەرت شۇكى چوقۇم رۇسىيە پۇقراسى بولۇشى كېرەك، يەنە يەرگە ئېرىشكەندىن كېيىن قانداق ئېچىپ پايدىلىنىش توغرىسىدا 10 يىللىق ئىنچىكە پىلان بولۇشى ھەمدە سالاھىيەتلىك ئىسپات بولۇشى كېرەك. بۇ تۈرلۈك لايىھەنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ يىراق شەرق رايونىدا تۇرۇشلۇق تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى يولى تېلېتچېف ئوتتۇرىغا قويغان.


رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: يىراق شەرق رايونىدىكى ئاھالىلارغا ھەقسىز تەقسىملەپ بېرىلىدىغان يەرگە ئالاقىدار سىياسەتنى چوقۇم ئىنچىكە تەھلىل قىلىش كېرەك، رۇسىيەدە تاشلىۋېتىلگەن تېرىلغۇ يەرلەر نىسبەتەن كۆپ، بۇ تېرىلغۇ يەرلەر تېزرەك ئىقتىسادىي بازاردىكى ئوبوروتقا كىرىشى كېرەك.


پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ياپونىيەلىك، جۇڭگولۇقلار بۇ زېمىننى ئاللىبۇرۇنلا ئېچىش تەكلىپىنى بېرىپ، فېدېراتسىيەنى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلاپلا قالماي، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئېكسپۇرت قىلىۋاتىدۇ، چۈنكى بۇ زېمنىلارنىڭ تۇپرىقى ئىنتايىن مۇنبەت.


پۇتىن مۇنداق كۆرسەتكەن: نۆۋەتتە، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن يەرلەرنى شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ۋە باشقا رايونلاردىن كېلىپ بۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولغانلارغا ھەقسىز تەمىنلەپ بېرىدىغان بولۇپ، ھەربىر يەر ئىگىدارىنىڭ ھەممىسى يەرنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆزلىرى بەلگىلىسە بولىدۇ. دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، ئورمانچىلىق، ئوۋچىلىق مەيدانى ۋە ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئورنى قۇرۇش بىلەنمۇ شۇغۇللانسا بولىدۇ. ئومۇمەن، شەخسىي ئارزۇيۇم ۋە كىلىمات شارائىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھۆكۈمەت تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز، باج كىرىم ئېتىبارى قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەر بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

 


مۇخبىرنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ بۇ تۈرلۈك ‹‹مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پىلانى›› جازالاش ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدىكى پىلان بولۇپ، يەرگە ئىگە بولغۇچلار، يەنى يەككە تىجارەتچىلەر باج تاپشۇرمايدۇ، دەسلەپتە بۇ يەرلەر خۇسۇسىي تىجارەتچىلەرگە ھەقسىز ھۆددىگە ئىجارىگە بېرىلىدۇ، بەش يىلدىن كېيىن، ئەگەر يەرلەر ئاق تاشلىنىپ قالمىسا، ئۇنداقتا ئۇ يەرلەر ھەقىقىي تۈردە ئۇلارنىڭ ئىگىدارلىقىغا ئۆتىدىكەن. ئەگەر بۇ قانۇن ماقۇللانسا ھەم ئېلان قىلىنسا، رۇسىيە يىراق شەرق رايونى جۇڭگوغا يېشىل يېمەكلىك ئېكسپۇرت قىلىشتىكى ئاساسلىق رايونغا ئايلىنىدىكەن.


مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قانۇن يۈرگۈزۈلگەندىن كېيىن، جۇڭگو كۆچمەنلىرى يىراق شەرق رايونىدا كۆپىيىپ، يەرلەرنى ئىجارە ئېلىپ ئىشلىتىدىكەن. بۇ خىل ئەھۋالدا، شۇ يەرلىك ئاھالىنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنالمىسىمۇ، ئەمما شۇ جاينىڭ خامچوت ئومۇمىي ئېشىشىغا پايدىلىق . ئاندىن، تېخى يېقىندىلا رۇسىيە يىراق شەرق تەرەققىيات مىنىستىرلىقى تەرەققىياتتا ئالدىغا كەتكەن 14 رايوننى تاللاپ بېكىتكەن، بۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان رايوندا بەش يىل ئىچىدە كارخانا بېجى ھېچقانداق ئاشمىغان، يەرلىق باج كىرىمى % 5 بولغان، ئىجتىمائىي داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندى % 0.1 بولغان، ئومۇمىي باج نىسبىتى باشقا رايوننىڭ % 30 بولغان، ئەمما تەرەققىي قىلىۋاتقان رايوننىڭ % 7.9 بولغان .



خەتكۈچلەر:
27-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek