جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 21-، 22-تۈركۈمدىكى پاراخوت قوغداش ئەترىتى ئىككى كېچە ئۇدا يول يۈرۈش ئارقىلىق 905-تۈركۈمدىكى قوغدالغۇچى پاراخوتلارنى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 3-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:00 دە ئادېن قولتۇقىنىڭ شەرقىي دېڭىز تەۋەلىكىدىكى قوغداش نۇقتىسىغا بىخەتەر يەتكۈزۈپ، 2-قېتىملىق بىرلەشمە پاراخوت قوغداش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى. ئارقىدىنلا، 21-، 22-تۈركۈمدىكى پاراخوت قوغداش ئەترىتى بۆلۈنۈپ يولغا چىقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، 21-تۈركۈمدىكى پاراخوت قوغداش ئەترىتى ئادېن قولتۇقىدىن ئايرىلدى. 21-تۈركۈمدىكى پاراخوت قوغداش ئەترىتى جەمئىي 35 تۈركۈمدە 64 پاراخوتنى قوغداش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان، 12 تۈركۈمدە 56 قېتىملىق دېڭىز قاراقچىلىرى، دەپ گۇمانلانغان نىشاننى ئۈنۈملۈك بىرتەرەپ قىلىپ، پاراخوت قوغداشقا ۋە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلغان. 21-تۈركۈمدىكى پاراخوت قوغداش ئەترىتى ئادېن قولتۇقى دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئاسىيادىكى ئالتە دۆلەتنى زىيارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved