ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىگە نەزەر

 

بەيدۇ تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .

ئۇكرائىنا پارچىلىنىش خەۋىپىگە دۇچ كەلدى ،بۇ توغرىسىدىكى تالاش تارتىش داۋاملاشتى ،قىرىمنىڭ ئۇكرائىنادىن روسىيىگە ئايرىلىپ روسىيىگە قۇشۇلىشى بۇ مەيدان ئويۇننىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى دەپ قارالماقتا .ئەمما ھازىر قارايدىغان بولساق كۈندە دېگۈدەك يېڭىچە ئۆزگۈرۈشلەر بۇلۇپ تۇرىۋاتىدۇ ،ئۇ بولسىمۇ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونلار ،بىر جەھەتتىن ئۆتكەن سەيشەنبە يەنى 15-چېسىلادىكى باشلاپ ،ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى شەرقىي قىسىمدىكى رايوندا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى ،يەنە بىر جەھەتتىن روسىيە چېگرا بويلىرىغا ئەسكەرلىرىنى تىزىپ تەييار قىلدى .

ئۇنىڭ ئۈستىگە قىرىم بىلەن سېلىشتۇرغاندا ،ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بۇ خىل مۇرەككەپلىكنى ئالدىنقىسىدىن ئېشىپ چۈشسە چۈشىدىكى ،كەم بولمايدۇ دېيىش ئارقىلىق سۈپەتلەشكە بولىدۇ .4-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۇكرائىنانىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ، شەرقىي قىسىمدىكى ئۈچ ئوبلاستىكى نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ قورال تاشلىشىنى ھەمدە ئىگىلىۋالغان ھۆكۈمەت ئورگىنىدىن چېكىنىپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى ،ئون نەچچە كۈندىن بۇيانقى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى روسىيەپەرەسلەرنىڭ پارچىلاش ھەرىكىتىگە ئۇكرائىنا ئاخىرى قول سالدى .

4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە دونىتىيۇسكى رايونىنىڭ شىمالى قىسمىدا قارشىلىق ھەرىكىتى باشلاندى ،ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى ئۇكرائىنا پۇقرالىرىنى قوغداش ،تېرورلۇقنى ۋە ئۇكرائىنانىڭ پارچىلىنىشىنى چەكلەشتىن ئىبارەت ،ئۇكرائىنانىڭ مۇۋەققەت زۇڭتۇڭى -تورچىنوف ،تورچىنو ف دەۋاتقان تېررولۇق ھەرىكىتى 6-چېسلا باشلاندى ،ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونىتىسكى خاركوف ۋە لوگانىسكىدىن ئىبارەت ئۈچ ئوبلاستىدىكى نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر بىر يەرگە يىغىلدى ھەمدە ھۆكۈمەت ئورگان بىناسىنى ھۇجۇم بىلەن ئىگىلىۋالدى ،خاركوۋ مارىپولدىن تارتىپ ، نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى ئون نەچچە شەھەرگە يامراپ كەتتى ،دونىتىسكى دەل بۇ بوران چاپقۇننىڭ مەركىزى . 16-چېسلا ئوتفوت دەپ ئاتىلىدىغان قورالىق ئۇنسۇرلار دونىتىسكى شەھرى مەمۇرىيەت بىناسىنى ئىشغال قىلىۋالدى ، كىيېۋ ھۆكۈمىتىگە تەلەپلىرى ۋە دومباس ئاممىسىنىڭ تەلەپلىرىنى قۇبۇل قىلدۇرۇش ،ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قۇيۇپ بىر تۈرلۈك قانۇننى ماقۇللاش مەقسىتىدە شەھەر مەمۇرىيىتى بىناسى ئىگىلىنىۋېلىندى .

ھۆكۈمەت ئورگىنىنى ئىگىلىۋېلىش ، كوچا ئىستىھكاملىرىنى ياساش ، ساقچىلارغا توسقۇنلۇق قىلىش، قوغدىنىش ئەترىتى قۇرۇش ،ئىگىلىۋالغان كوچا رايونلارنى قوغداش ،دائىرىلەرگە سىياسىي تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشتەك ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە يۈز بەرگەن بىر قىسىم ئىشلار ،ئىككى ئاي ئىلگىرى غەربىي قىسىمدىكى نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر ياناكوۋېشقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان كۆرۈنۈشلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ ،پەرقى پەقەت ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلا ئوخشىمايدۇ خالاس .‹ھاكىم مۇتلەق ئۇكرائىنا كېرەك ئەمەس ،بىزنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنىمىز فېدېراتسىيە تۈزۈمى ،دونىتىسكىدىكى 92 % ئامما مۇشۇنداق بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ ›. مانا بۇ قارشىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ قارىشى . يانغىنغا ئوخشاش تېز سۈرەتتە يامرىغان شەرقىي قىسىمنى ئايرىش ھەرىكىتى ئالدىدا ، ئۇكرائىنا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تەڭ قىسلىقتا قالدى .8-چېسلا ئۇكرائىنا ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشۈش لاھىيىسىنى ماقۇللاپ ، دۆلەتنى پارچىلاش ھەرىكىتىنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇردى ،ھالبۇكى قورال ئىشلىتىش كېرەكمۇ يوق دېگەن مەسىلىدە پارلامىنېت ئەزالىرىنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ يۈز بەردى ،ھەتتا مۇ ش كۆتۈرۈپ قوپتى .ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى ،مۇھىم مەسىلە ئۇنىڭ قولىدا شەرقىي ۋە جەنۇبىي قىسىمنى مۇقىملاشتۇرغىدەك ئىقتىدار بارمۇ يوق دېگەن مەسىلىدىن ئىبارەت .چۈنكى مەسىلە چىققان نۇقتىلار بەكلا كۆپ .

كىيىۋنى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قۇيىدىغان ئىش ئاخىرى يۈز بەردى ،4-ئاينىڭ 15-كۈنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ تۇنجى پاي ئوقى دونىتىسكى شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى سىلاۋىيانىسكىغا قارىتىلدى ،ئۇكرائىنا ئارمىيىسىنىڭ بىرونىۋىكلىرى ئىككىنچى كۈنى شەھەر مەركىزىدىكى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى مەيدانىغا بېسىپ كىردى ،ئۇ يەرگە دەرۋەقە رۇسىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى قادالغان ئىدى ،بىر ھەربىي مۇنداق دېدى :‹بۇ بىرونىۋېكلا ،ئۇكرائىنا 25-پاراشۇتچىلار پىرگادىسىدىن ،ئۇلار ئالدى بىلەن كىرامۋاتۇرىسكىغا باردى ، يەرلىك كىشىلەر ئۇلارنى توسۇپ ئۆتكىلى قويمىدى ،بىزمۇ سىلاۋىيانىسكىدىن كېلىپ ،ئۇكرائىنا ھەربىيلىرى بىلەن بەش مىنۇتقىچە سۆھبەتلەشتۇق ›. 25-پاراشۇتچىلار پىرىگادىسى سابىق سىۋىت ئىتتىپاقىنىڭ كوزۇر قىسمى بۇلۇپ ،98-پاراشوتچى دېۋىزىيدىكى ئوكرائىنالىق ھەربىيلەردىن تەشكىللەنگەن ،ئۇلار ئىزچىل كىيىۋدا ئەۋزەل تەمىناتتىن بەھرىمان بۇلۇپ كېلىۋاتقان ،190 مىڭ كىشىلىك ئۇكرائىنا ئارمىيىسى ئىچىدىكى ئەڭ سەرخىلى ھېسابلىنىدۇ . ‹ئۇلارنىڭ جىنايەت يولىغا باشلايدىغان بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلغۇمىز كەلمىدى ،ھەربىي دېگەن مەيلى ھازىر ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن ئامما بىلەن بىر بۇلىشى كېرەك › مانا بۇ ھەربىيلەرنى يۈرەك سۆزى .بىراق شەرقىي ئۇكرائىنا ئاسمىنىدىكى ئۇرۇش تۇمانلىرى تېخى تارقالمىدى .سىلىۋاىيانىسكىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان شەھەر ئەتراپى رايونىدا ،خەلق ئارمىيىسى قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ 100 گە يېقىن .ئوفىستىر ئەسكىرى نەچچە ئون تانكا ،بىرونىۋېك ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن شەرقىي قىسىم رايونىدا تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت باشلاشقا ھەرۋاقىت تەييارلىق كۆرۈۋاتىدۇ

.

ئۇكرائىنا شەرق ۋە غەرب قىسمى ئىنتايىن زور پەرقلىنىدىغان دۆلەت ،شۇڭا بىزنىڭ كۆرىۋاتقىنىمىز مۇستەقىل بولغان 20نەچچە يىلدىن بۇيان ،زادى قانداق نەرسە شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى يۇشۇرۇپ قالالىغان ، بۇ ئۇكرائىنا سياسىيونلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم تېما بۇلۇپ قالدى ،شۇڭا ھازىر ئۇكرائىنانىڭ قالايمىقان ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرگەن ۋاقتىمىزدا ، بىزمۇ چوقۇم قايتا تەڭپۇڭلۇقتىن ئىبارەت بۇ نۇقتىنى تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك .بومباس -ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دونىتىسكى ئوبلاستىغا جايلاشقان ،ئۆتكەن ئەسىردىن باشلاپلا كۆمۈرچىلىك بىلەن داڭق چىقارغان ،ۋارېيلار سىۋىت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە مۇشۇ يەردە كان ئىشچىسى بۇلۇپ ئىشلىگەن ،ئۇكرائىنا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ،بومباسنىڭ ئىقتىسادىي بارغانسېرى كاساتلاشقان ،ۋارىيلارمۇ ئىشتىن قالغان ،ئۇ بولىشىغا ھاراق ئچىىپ يۈرگەن ، كېيىن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قۇيۇپ ،تۈرمىدە ئون يىلدىن ئارتۇق يېتىپ چىققان ،ھازىر قانۇنسىز كىچىك كانلاردا ئىشلەش ئۇنىڭ تاپالايدىغان بىردىنبىر خىزمىتى بۇلۇپ قالغان .ئۇ مۇنداق دېدى :‹مەن ئوبلاستقا قارايدىغان كان رايونىغا بارساممۇ بولىدۇ ،بىراق 400دوللار مائاش ئالايدىغان خىزمەت تېپىشىم كېرەك ،ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنى ھەر ۋاقىت ئىشتىن بوشىتىشى مۇمكىن › . ئېغى رسانائەت ۋە كانچىلىقنى ئىقتىسادىي تۈۋرۈك قىلغان ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونىدا ۋارىيلارغا ئوخشاشلا ناھايىتى كۆپ .بۇ يەردىكى نۇرغۇن كىشى سىۋىت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىكى تۇرمۇشنى ئەسلەيدۇ ،ئۇ چاغدا كانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلار قەھرىمان ھېسابلىناتتى ،بىراق شەرقىي قىسىم ئوكرائىنادا كىيېۋ سۆھبىتى بىلەن تەڭ تۇرالىغۇدەك ئەمەلىي كۈچ بار .2013-يىلى دونىتىسكى ئوبلاستىنىڭ GDPسى ئۇكرائىنا پۈتۈن مەملىكەت GDPسىنىڭ 12.4% نى ئىگىلىگەن ،غەربىي قىسىمدىكى بەش ئوبلاستنىڭ GDPسىنى قوشقاندىمۇ ئاران 12.1 % ئىگىلىگەن .كىرىم بويىچە ھېسابلىغاندا ئوكرائىنادىكى ئەڭ چوڭ خۇسۇسىي كارخانىنىڭ يەتتىسىنىڭ باش شىتابى ۋە ئاساسلىق كەسپى ئىشلىرى شەرقى قىسم رايونىغا جايلاشقان .

شەرقىي قىسىم غەربىي قىسىمغا قارىغاندا باياشات ،بىراق بىرلىككە كەلگەن دۆلەت تۈزۈلمىسى ئىچىدە ، شەرقىي قىسىمدىكىلەر ئۆزلىرىنى دۆلەتكە قوشقان تۆھپىمىز كۆپ ،ئەمما ئېرىشكىنىمىز ئاز دەپ قارايدۇ .دونىتىسكى ئىككىنچى قىرىمغا ئايلىنىپ قالامدۇ قانداق ؟پۈتكۈل دۇنيادا مۇشۇنداق گۇمان پەيدا بولۇۋاتقاندا ،شەرقىي ئۇكرائىنانىڭ ئەھۋالىدا تېخىمۇ مۇرەككەپلىك كۆرۈلدى .4-ئاينىڭ 17-كۈنى روسىيەپەرەس نامايىشچىلار دونىتىسكى ھۆكۈمىتى بىناسىنى ئىگىلىۋالغاندا ،ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئامما غالىبىيەت باغچىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ ،دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوللىغان . يىغىلغان كىىشلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىرى :‹ بۈگۈن بۇ يەرگە يىغىلىشىمىزدىكى سەۋەب دونىتىسكى ئۇكرائىنانىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ،ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىمىزنى ،ئوكرائىنانى بۆلۈۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ،ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ،ئەڭ مۇھىم ئىشنىڭ بىرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قۇيۇش › دېدى . ئۇكرائىنانىڭ 2011-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشكە قارىغاندا ،دونىتىسكى ، خاركوۋ ۋە ئولگانىسكى ئوبلاستلىرىدا روس نوپۇسى ،ئايرىم -ئايرىم ھالدا 40%،20%،5%،ۋە 39 % نى ئىگىلىگەن .قىرىمدا بولسا بۇ نىسبەت 60% كە يەتكەن ،قىرىم بىلەن ئوخشىمايدىغىنى ئۇكرائىنادىكى روسىيەپەرەس ئاممىنىڭ تەلىپى ئۆز ئۆزىگە خوجا بۇلۇش ھوقۇقىنى كېڭەيتىش ،بۇنىڭغا قارىتا كىيىۋمۇ مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇردى .

كىيىۋ تەرەپ :‹ بىز ئۇكرائىنا مەسىلىسىن مۇزاكىرە قىلمايمىز،بىراق رايونلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىسلاھاتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئۈستىدە توختىلىمىز ،بۇ ئىسلاھات رايونغا تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق ئاتا قىلىدۇ › دېدى . تارىخى شەرق غەرب تەڭپۇڭسىزلىقىغا ئىگە ئۇكرائىنانىڭ مۇقىملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى .شۇڭا شەرقىي قىسىمدىكى ئۈچ ئوبلاستنىڭ تەلەپ قانداق تاقابىل تۇرۇپ ،قايتا تەڭپۇڭلۇقنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلە ، ھازىرقى ئۇكرائىنا دائىرلىرى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەلمەيدىغان بىر ھاڭ .ئۇنىڭ ئۈستىگە باراۋەرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەمدى خېلى تەسكە توختايدۇ .تېخىمۇ تەس بولغىنى ئۇكرائىنانىڭ تەقدىرى چوڭ دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى قاينام ئىچىگە پېتىپ قالدى .ئۇكرائىنانىڭ قايتا تەڭپۇڭلقىنىڭ ئارقىسىدا ، ئامېرىكا بىلەن روسىيە ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا قانداق قىلغاندا قايتا تەڭپۇڭلۇقنى ئىزدەشتىن ئىبارەت مۇشۇنداق بىر دۇنياۋى خارەكتىلك مەسىلىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .

4-ئاينىڭ 17كۈنى پۇتىن بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ناملىق تېلېۋىزىيە بىۋاستە كۆرسىتىش پروگراممىسى پۈتۈن دۇنيا ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتتى ،دېگەندەك پۇتىن ھەرخىل سوئاللارغا دۇچ كەلدى ئۇمۇ بۇ سوئاللارغا ئۇستىلىق بلەن جاۋاب بەردى :‹ئالياسكا 19-ئەسىردە ئامېرىكىغا سېتىۋېتىلگەن ،فىرانسىيەمۇ لۇئىس ئاننانى ئامېرىكىغا سېتىۋەتكەن ،ئالياسكا شۇنداق سوغۇق تۇرسا ئۇنى ئېلىپ نېمە قىلىدۇ،..›دېدى . پۇتىن ھەتتا چاقچاق قىلىپ بەزىلەرنىڭ ئالىياسكنى مۇزلىغان قىرىم دەيدىغانلىقىنى ئېيتتى . بۇ سۆزگە 3- ئاينىڭ ئاخىر ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ نوپۇزلۇق بىر ئەربابىنىڭ :‹قىرىمدىن كېيىن پۇتىننىڭ نىشانى مولدوۋا بولىدۇ ›دەپ بىشارەت بەرگەنلىكىنىڭ مەنىسى يۇشۇرۇنغان .بۇنىڭغا قارىتا رۇسىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رەددىيە بېرىپ ،ئامېرىكا ئالدى بىلەن ئۆزىگە تەۋە ئالىياسكىنى ئوبدانراق باشقۇرسۇن ،چۈنكى ئالىياسكىمۇ بۇرۇن رۇسىيىنىڭ زېمىنى ئىدى دېدى .2008-يىلى ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇق سايلىمىغا قاتناشقان ئالياسكا شتاتىنىڭ سابىق باشىقى تاراتقۇلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالغان بىر جۈملە سۆزنى قىلغان :‹فرانسىيە بىلەن ئالياسكا قارىشىپ تۇرىدۇ ،قوشنا كېلىدۇ ،ئالياسكىدىكى كىچىك ئارالدا تۇرۇپ ،روسىيەنى كۆرگىلى بولىدۇ ›. ئاقساراينىڭ ‹مۇراجىئەت ›ناملىق گېزىتىدە ،3-ئاينىڭ 30-كۈنى بىرەيلەن ئالياسكا قايتىدىن روسىيىگە قارىسا دېگەن مەزمۇندا مۇراجىئەت ئېلان قىلدى .بۇنىڭدا رۇسىيىنىڭ زىمىن نەپسانىيەتچىلىكى مەسخىرە قىلىنغان ئىدى

.

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK 



خەتكۈچلەر:
25-04-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek