مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ ئالدىكى مەيداندا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى كەرىموفنىڭ ئېلىمىزدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قارشى ئالدى .
قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى خۇڭ لى يۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىر باقى ،دۆلەت كومىسسارى ياڭ جېشى ،مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېن يۈەن قاتارلىقلار قاتناشتى .كەرىموفقا ھەمراھ بۇلۇپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلەردىن زۇڭتۇڭ خانىمى ،دىپلوماتىيە مىنىستىرى قاتارلىقلار بار .
ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن ئۆزبىكىستاننىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى .21پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى .كەرىموف شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئۈچ خىل ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى . ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى پارات مۇنبىرىگە قايتىپ كېلىپ ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنىڭ سەپكە تىزىلىشىنى كۆردى .
ئارقىدىن ھەربىي ئوركېستىر نومۇر ئورۇنلىدى .كەرىموف رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئېلىمىزدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بۇلۇش ئۈچۈن كەلگەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved