كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 14-يانۋاردىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، شۇكۈنى كورىيە ھەربىي قىسمى چاۋشىيەننىڭ كورىيە-چاۋشىيەن چېگرىسىدا شار ئارقىلىق نەچچە مىڭلىغان تەشۋىقات ۋارىقىنى كورىيە چېگرىسىغا چېچىۋەتكەن.
كورىيە ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرىشىچە، چاۋشىيەن ئارمىيەسى تۈنۈگۈن كەچتە ۋە بۈگۈن سەھەردە كورىيەگە تەشۋىقات ۋارىقى چاچقان بولۇپ، بۇ تەشۋىقات ۋاراقلىرى نەچچە ئون مىڭدىنمۇ ئاشىدىكەن. ئېگىلىنىشىچە، بۇ تەشۋىقات ۋاراقلىرىدا كورىيەنىڭ چاۋشىيەنگە بولغان ھەرخىل تەھدىتلىرىنىڭ توختىتىلىشى سۆزلەنگەن بولۇپ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، چاۋشىيەن تەرەپنىڭ «ئاياپ» ئولتۇرماي، كورىيەگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىمۇ سۆزلەنگەن.
كورىيە دۆلەت مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشىيەن كورىيەگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ، كورىيەلىك پۇقرالار چاۋشىيەن تارقانقان بۇ تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ھەرگىزمۇ «پىسخىكا ئۇرۇشى» نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.
چاۋشىيەننىڭ بۇ قىلمىشى كورىيەنىڭ چاۋشىيەنگە قاراتقان جازالىرىغا ئىنكاس قايتۇرغىنى بولۇپ، كورىيە تەرەپمۇ ئەڭ تېز سۈئەتتە ئىنكاس قايتۇرىشى مۇمكىن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved