خەلقئارا لىنىيەسى مەخسۇس خەۋىرى : ئاۋستىرالىيە ئاخبارات تورىنىڭ 28-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە ، نۆۋەتتە ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى مېكسىكىدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھىنىڭ ئەڭ يېڭى تەشۋىقات قورالىغا ئايلانغان . ئۇلار ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدىكى زوراۋانلىق دائىر ۋىدېئولارنى تارقىتىپ ، ئالتۇن يالىتىلغان قوراللىرىنى كۆز-كۆز قىلغان ھەتتا ئۆزلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ ، باشقىلارنى بۇ گۇرۇھقا قوشۇلۇشقا جەلپ قىلغان .
ئېنتېر برولي باندېراس مېكسىكا مىچىگان ئىشتاتىدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھى ‹‹ KnightsTemplar ›› نىڭ مەرگىنى بولۇپ ، ئۇ ئىنتېرنېتتىكى ‹‹ ئەسكى ئەر ›› نىڭ ئەڭ يېڭى ۋەكىلى . ئىگىلىنىشىچە ، باندېراس ئاز دېگەندىمۇ 50 ساقچىنى قىرغىن قىلىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ ، مەھەللە ساقچىلىرىنى قىرىپ يوقىتىشقا ئۇرۇنغان . يەرلىك ئاممىنىڭ ئېيتىشىچە، باندېراس ئۆزىنى ‹‹ قاتىل ›› دەپ ئاتىۋالغان ، بۇرۇن ھەتتا فېدېراتىپ ساقچى قىسمىنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن .
باندېراسنىڭ ئۆزىنى تارتقان بىر پارچە سۈرىتىدە ئۇنىڭ ئاپتوموبىلنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغانلىقى ، كۆزى ئېتىلگەن يەنە بىر ئادەمنىڭ بولسا ئاپتوموبىلنىڭ كەينىدە ئولتۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن ، كۆزى ئېتىلگەن ئۇ ئادەم تۇتقۇن قىلىۋالغان تاشيول ئىشچىسى بولۇشى مۇمكىن .
باندېراسنىڭ ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن . بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ، ئۇ تۇتۇلغان ياكى ئېتىۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىنكەن ، يەنە بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ تېخىچە ھايات ئىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved