فىرانسىيە تاراتقۇلىرى 23-دېكابىر فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئاخباراتنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى:«يېقىندا مالىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر قېتىملىق زەربە بېرىش ھەركىتىدە، فىرانسىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلات «ناسسىر مۇستەقىللىق ھەرىكىتى» دىكى 10 نەچچە نەپەر ئەزانى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ۋە ئەسىرگە ئالغان.»
ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتىن 20-كۈنى سەھەرگىچە، فىرانسىيە ئارمىيەسى مالىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى مېناكا رايونلىرىدا تېررورلۇق تەشكىلات «ناسسىر مۇستەقىللىق ھەرىكىتى» گە قارىتا ھەربىي ھەرىكەت قانات يايدۇرغان بولۇپ، زەربە بېرىش ھەرىكىتى تۆت سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان. مەزكۇر تەشكىلاتتىكى 10 نەچچە نەپەر ئەزا فىرانسىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن ياكى ئەسىرگە چۈشكەن. فىرانسىيە ئارمىيەسى يەنە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىر قىسىم ماشىنىلىرى، قوراللىرى ۋە پارتلاتقۇچ دورىلىرىغا ئېرىشكەن.
فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئاخباراتتا بۇ قېتىمقى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدىكى ئېتىپ ئۆلتۈرۋەتكەن ۋە ئەسىرگە ئالغان تېررورچىلارنىڭ كونكرېت سانىنى تىلغا ئالمىغان.
تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە فىرانسىيە مالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقىدىكى ساخارى سەھرايى كەبىر رايونلىرىدا 3000 نەپەر ئەسكەرنى تۇرغۇزغان ۋە نەچچە ھەربىي بازىغا ئىگە ئىكەن.
« بازا » تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بار بولغان «ناسسىر مۇستەقىللىق ھەرىكىتى» مالىنىڭ شىمالىي قىسىمىنى ئىشغال قىلىۋالغان بولۇپ، دائىم مالى ۋە نىگېردا تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ئۆتكەن ئاينىڭ 20-كۈنى، مالى پايتەخت بارماكودا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۈچ نەپەر جۇڭگو پۇقراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 نەچچە نەپەر ئادەم بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان. ۋەقەدىن كېيىن «ناسسىر مۇستەقىللىق ھەرىكىتى» بۇ قېتىمقى ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى جاكارلىغان.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved