تۈركىيەنىڭ 7-نۆۋەتلىك سابق پرېزىدېنتى كەنئان ئەۋرەن ۋاپات بولدى

جاھان ئاگېنتلىقى 10-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: تۈركىيەدىكى 1980-يىلى 12-سىنتەبىر ھەربىي ئۆزگىرىشنى قوزغىغان 7-نۆۋەتلىك پرېزىدېنت كەنئان ئەۋرەن ۋاپات بولدى، كەنئان ئەۋرەن ھەربىي ئۆزگىرىش قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن سوتلانغان ئىدى، ئۇ بۇ يىل 98 ياشقا كىرگەن. تۈركىيەنىڭ 7-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى ۋە پىنسىيەگە چىققان گېنىرال كەنئان ئەۋرەن ئەنقەرە گۈلخانە ھەربىي مىدىتسىنا ئاكادىمىيسىدە داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، شەنبە كۈنى ئاخشىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
كەنئان ئەۋرەن 1917-يىلى مانىسانىڭ ئالاشەھىر رايۇنىدا تۇغۇلغان بولۇپ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئالاشەھىردە تاماملىغان. ئەۋرەن مالتەپە ھەربىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن بولۇپ، 1938-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپىنى، 1949-يىلى جەڭ ئاكادىمىيسىنى پۈتتۈرگەن. ئەۋرەن توپچى قىسىم ئوفىتسېرى ۋە شىتاب ئوفىتسىىرى بولۇپ قۇراللىق ئارمىيەدە ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، تۈركىيە 9-قىسىم ئەترىتىدە ھەربىي تەربىيە مۇدىرى، كېيىن شىتاب باشلىقى بولغان. ئەۋرەن ئارمىيە قۇماندانلىقى شىتابى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قۇماندانلىق شىتابىدا ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن، 1978-يىلى 7-مارتتا تۈركىيە ئارمىيسىى باش شىتاب باشلىقى بولۇپ تەيىنلەندى. ئەۋرەن 1980-يىلى 12-سىنتەبىردە ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەتكە چىقتى، ۋە سىياسىي پارتىيەلەرنى تاقىۋەتتى، ئەۋرەن ھەربىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق مىللىي بىخەتەرلىك قۇرۇلتىيى باشلىقى ۋە تۈركىيە پرېزىدېنتى بولدى. ئەۋرەن 1982-يىلى 7-نويابىردا ئاۋاز قويۇش ئارقىلىق ماقۇللانغان ئاساسى قانۇن بىلەن رەسمى ھالدا تۈركىيەنىڭ 7-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى بولۇپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى. 1989-يىلى 9-نويابىردا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلىشىپ ئۇنىڭ ئورنىغا تۇرغۇت ئۆزەل پرېزىدېنتى بولدى. ئەۋرەن 1944-يىلى سەكىنە خانىم بىلەن ئۆيلەنگەن بولۇپ، ئۈچ پەرزەنتى بار.
كەنئان ئەۋرەن 1980-يىلى 12-سىنتەبىردىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن تاھسىن شاھىنكايا بىلەن بىرلىكتە سوتقا تارتىلغان بولۇپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، سوتنىڭ ھۆكۈمى ئاقلاش ئورنىغا ئىلتىماس قىلىنىۋاتقان ئىدى.



10-05-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek