جاھان ئاگېنتلىقى 6-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئەسەبى تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى «ISIS» نىڭ 4 نەپەر رەھبىرىنىڭ ئورنى ھەققىدە مەلۇمات بىلەن تەمىنلىگەنلەرگە جەمئىي 20 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ئادالەت ئۈچۈن مۇكاپات» «Rewards for Justice» پىلانى ئاستىدا ISIS رەھبەرلىرىدىن ئابدۇرراھمان مۇستاپا كادۇلى ئۈچۈن 7 مىليون دوللار، ئەبۇ مۇھەممەد ئەدنانى ۋە تاركان تايۇمۇرازوۋىچ باتىراشۋىلى ئۈچۈن 5 مىليون دوللاردىن، تارىق ئىبنى تاھار ئىبنى فالىھ ئۈچۈن 3 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. باياناتتا، كادۇلىنىڭ دەسلەپتە ئىراق ئەلقائىدە «بازا» تەشكىلاتى تارمىقىغا قاتناشقان يۇقىرى دەرىجىلىك ISIS رەھبىرى، ئەنانىنىڭ ISIS نىڭ رەسمى باياناتچىسى، باتىراشۋىلىنىڭ سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى ISIS قۇماندانى ۋە تارىقنىڭ ISIS تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيە-سۇرىيە چېگرا رايۇنىدىكى رەھبىرى قۇماندانى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.
تەشكىلات 2014-يىلى 10-ئىيۇندا ئىراقنىڭ ئىككىنجى چوڭ شەھىرى مۇسۇلنى كونترول قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئىراقتىكى بىر قانچە مۇھىم رايۇنلارنى بىر-بىرلەپ قول ئاستىغا كىرگۈزۋالدى ۋە ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشكە باشلىدى. ISIS تەشكىلاتى سۇرىيە كەڭ دائىرلىك زېمىنغا ئىگە بولۇپ، بۇلتۇر يازدا «خەلىپىلىك» ئېلان قىلىپ «ئىسلام دۆلىتى» قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى، ۋە ئىسلام دۆلىتىگە «ھىجرەت» قىلىشقا چاقىرىق قىلدى. ئىراق ئارمىيىسى، سۈننىيلەر كۆپ سانلىق مۇسۇل رايۇنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ھەربىي ھەرىكەت باشلىغان ئىدى. ISIS تەشكىلاتى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۈرت رايۇنىدا ھۇجۇم باشلىشى ۋە ئامېرىكىلىق مۇخبىرلارنىڭ ISIS تەرىپدىن ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى «تېرورغا قارشى كۈرەش مەقسىتى» دە خەلقئارالىق بىر بىرلەشمە ئارمىيە قۇرۇپ چىقتى. بۇ ئىتتىپاققا 60 تىن ئارتۇق دۆلەت قاتناشقان بولۇپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ بار. مەزكۇر ئىتتىپاق ئىراق ئارمىيسىگە ياردەم بېرىپ ISIS قا بىردەك زەربە بېرىدۇ. مەزكۇر بىرلەشمە ئارمىيە بۇلتۇر ئاۋغۇستتا ئىراق ۋە سۇرىيەدىكى ISIS نىشانلىرىغا ھاۋادىن زەربە بەرگەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى «بەنتاگۇن» باياناتچىسى ستىۋ ۋارىن، ئاۋغۇست ئېيىدىن بۇيان بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ئىراق ۋە سۇرىيەدە ISIS تەۋە 3222 نىشانغا ھاۋادىن زەربە بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ نىشانلار ئارىسىدا 58 تانكا، 184 ھەربىي ماشىنا، 673 ھەربىي ئورۇن، 980 ھەربىي بازا ياكى بىنا ۋەيران بولغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved