شاڭخەي-كۈنمىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 38 ئادەم قازا قىلدى
شىنخۇا تورى چاڭشا 19-ئىيۇل تېلېگراممىسى: 19-ئىيۇل سەھەر سائەت 3:00 ئەتراپىدا، شاڭخەي-كۈنمىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ خۇنەن چېگرىسى ئىچىدىكى شاۋخۈەي بۆلىكىنىڭ 1309 كىلومېتىرلىق جايىدا شەرقتىن غەربكە ئاسان ئوت ئالىدىغان سۇيۇقلۇق باسقان بىر كىچىك تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن فۇجيەندىن گۇيجۇغا ماڭغان بىر چوڭ ئاپتوبۇس سۇقۇلۇپ كېتىپ، پارتلاش يۈز بەرگەن.
دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ۋەقەسىدە بەش ئاپتوموبىل كۆيۈپ ۋەيران بولغان، 38 ئادەم قازا قىلىپ، بەش ئادەم يارىلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئاپتوبۇستا 53 ئادەم ئولتۇرغان بولۇپ، ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ يارىلانغان تۆت كىشى قېچىپ قۇتۇلۇپ قالغان.
نۆۋەتتە، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى سۈرۈشتۈرۈلۈۋېتىپتۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved